چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش يەلكەنلىك كېمە ھەرىكىتى شامالنىڭ يەلكەنگە ئۇرۇلغان كۈچىدىن ھەرىكەتكە كېلىدىغان، پەقەتلا بەلگىلەنگەن ئارىلىقتىكى يۈرۈش سۈرئىتىدە مۇسابىقىلىشىدىغان ھەرىكەت تۈرىدۇر. ئۇنىڭ پەيدا بولۇش تارىخى تاش قوراللار دەۋرىگە تۇتىشىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :يەلكەنلىك كېمە ۋە يەلكەنلىك تاختا

خەنزۇچە ئىسمى :帆船和帆板

يەلكەنلىك كېمە ھەرىكىتى ھەققىدە 

9پارچەيەلكەنلىك كېمەيەلكەنلىك كېمە ھەرىكىتى شامالنىڭ يەلكەنگە ئۇرۇلغان كۈچىدىن ھەرىكەتكە كېلىدىغان، پەقەتلا بەلگىلەنگەن ئارىلىقتىكى يۈرۈش سۈرئىتىدە مۇسابىقىلىشىدىغان ھەرىكەت تۈرىدۇر. ئۇنىڭ پەيدا بولۇش تارىخى تاش قوراللار دەۋرىگە تۇتىشىدۇ. ئىپتىدائىي ئادەملەر قېيىققا ياغاچ بېكىتىپ، ئۇنىڭغا بىر پارچە ھايۋان تېرىسىنى ئېسىپ، ئەڭ دەسلەپكى يەلكەنلىك قېيىقنى پۈتكۈزگەن. 

ھازىرقى زامان يەلكەنلىك كېمە ھەرىكىتى 16-، 17-ئەسىرلەردە گوللاندىيىدە بارلىققا كەلگەن. 1896-يىلىدىكى ھازىرقى زامان ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدىن باشلاپ، يەلكەنلىك كېمە رەسمىي مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن، ئەمما ئەينى چاغدا ھاۋا رايى ناچار بولۇش سەۋەبىدىن تۇنجى نۆۋەتلىك مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلمەي، 2-نۆۋەتلىكتىن باشلاپ رەسمىي ئۆتكۈزۈلگەن. نۆۋەتتە كېمىسى ئەڭ كۆپلەر ياۋروپا ۋە شىمالىي ئامېرىكا بولۇپ، بۇ دۆلەتلەردە يەلكەنلىك كېمە ھەرىكىتى كىشىلەرنىڭ دەم ئېلىش، ساياھەت قىلىش، كۆڭۈل ئېچىش شەكلىگە ئايلانغان. ھەرىكەت سەۋىيىسىدىن قارىغاندىمۇ، ياۋروپادىكى دېڭىز بويىغا جايلاشقان دۆلەتلەرنىڭ ئەمەلىي كۈچى ئەڭ يۇقىرى. 

تۈرلىرى 

يەلكەنلىك كېمە ھەرىكىتى ئاساسلىقى تۇرغۇن نىشانلىق تاختا يەلكەنلىك كېمە ۋە كىل يەلكەنلىك كېمە دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.

مۇسابىقە تۈرلىرى 

 مۇسابىقە تۈرلىرىدىن ئاساسلىقى بوران-چاپقۇن تىپى، فىنلاندىيىلىكلەر تىپى، ئۇچقۇر گوللاندىيىلىكلەر تىپى، 470 تىپى، تونېردو تىپى ۋە سوخلىن تىپى بار. بوران-چاپقۇن تىپى كىل يەلكەنلىك كېمىگە تەۋە بولۇپ، قالغان بەش تىپى تۇرغۇن يۆنىلىشلىك تاختا يەلكەنلىك كېمىگە تەۋە. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏