چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش مۇسابىقە گىمناستىكىسى1896-يىلىدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا رەسمىي مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن تەنھەرىكەت تۈرى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :مۇسابىقە گىمناستىكىسى

خەنزۇچە نامى :竞技性体操

تەرەققىيات تارىخى 

مۇسابىقە گىمناستىكىسى1896-يىلىدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا رەسمىي مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن، ئەينى چاغدا پەقەت ئەرلەرلا قاتناشقان. ئاياللارنىڭ مۇسابىقىلىق گىمناستىكىغا قاتنىشىشى 1928-يىلىدىكى 9-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا باشلانغان. 1952-يىلىدىن ئىلگىرىكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنلىرىدا مۇسابىقە گىمناستىكىسىنىڭ مۇسابىقە مەزمۇنلىرىدا دائىم ئۆزگىرىشلەر بولۇپ تۇرغان، بىر مەزگىل قىسقا يۈگۈرۈش، خادىغا تايىنىپ ئېگىزگە سەكرەش، يىراققا سەكرەش، ئېغىرلىق كۆتۈرۈش تۈرلىرىمۇ ئۇنىڭغا تەۋە قىلىنغان. 1948-يىلى ۋە 1952-يىلىدىكى 14-، 15-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنلىرىدا مۇسابىقە گىمناستىكىسىنىڭ مەزمۇنى رەسمىي تۇراقلاشقان.

ئېلىمىزنىڭ مۇسابىقە گىمناستىكىسىدىكى مۇكەممەللەشكەن ھازىرقى زامان مۇسابىقە تۈرلىرى 50-يىللارنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە شەكىللەنگەن.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏