چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش قورشاۋ قاتار ئىككى ئادەم ئويۇنغا چۈشىدىغان ئەقىل تىپىدىكى بىر خىل تەنھەرىكەتتۇر.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :قورشاۋ قاتار

خەنزۇچە نامى :围棋

قورشاۋ قاتار قائىدىسى

9پارچەقورشاۋ قاتارقورشاۋ قاتار ئىككى ئادەم ئويۇنغا چۈشىدىغان ئەقىل تىپىدىكى بىر خىل تەنھەرىكەتتۇر. تاختا يۈزى بويىغا ۋە توغرىسىغا تارتىلغان

19 سىزىقنىڭ كېسىشىشىدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، 361 كېسىشمە نۇقتا ھاسىل بولىدۇ، ئۇرۇقلار ئاشۇ كېسىشمە نۇقتىلارغا بېسىلىدۇ.

قورشاۋ قاتار ئۇرۇقلىرى قارا، ئاق بولۇپ ئىككى خىل رەڭدە، ھەربىرىدە 180 تالدىن بولىدۇ. ئۇرۇق بېسىشتا، قارا ئۇرۇق تەرەپ ئاۋۋال ئۇرۇق باسىدۇ، ئاق ئۇرۇق تەرەپ ئەگىشىپ ئۇرۇق باسىدۇ. ئويۇنغا چۈشكۈچى ئىككى تەرەپ نۆۋەت بىلەن ئۇرۇق بېسىپ، ھەر قېتىمدا بىر ئۇرۇق بىلەن چەكلىنىدۇ. ئۇرۇق بېسىلغاندىن كېيىن قايتا يۆتكەشكە بولمايدۇ. ھەربىر ئۇرۇقنىڭ ئاستى-ئۈستى، ئوڭ-سولدىكى تىك سىزىققا تۇتاشقان كېسىشمە نۇقتىلار «تىنىق» دەپ ئاتىلىدۇ. ئەگەر بۇ كېسىشمە نۇقتىلارنى قارشى تەرەپ ئۇرۇقلىرى ئىگىلىۋالغان بولسا، كېسىشمە نۇقتىلار ئىچىدىكى ئۇرۇقنىڭ «تىنىقى» توختايدۇ-دە، قارشى تەرەپ ئۇنى» يەۋېتىدۇ «. قورشاۋ قاتار ئادەتتە ئويۇن باشلاش، ئويۇن ئوتتۇرىسى ۋە ئويۇن ئاخىرى باسقۇچلىرىغا بۆلۈنىدۇ. يۈرۈشلىرى مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان بولۇپ، ئويۇنغا چۈشكەن ئىككى تەرەپ قورشاش، توسۇش، ئۈزۈش، مەجبۇرلاش، ئېچىق ياساش، تىنىق بوغۇش، كۆز ياساش، كۆز بۇزۇشقا ئوخشاش ھەر خىل تېخنىكا ۋە تاكتىكىلىق ھۇجۇم بىلەن قارشى تەرەپنىڭ ئۇرۇقلىرىغا زەربە بېرىدۇ ھەمدە بوشلۇقنى ئىگىلەيدۇ. ئويۇن ئاخىرىدا ئىككى تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ تاختا يۈزىدە ئىگىلىگەن بوشلۇقىنى ياكى ئۇرۇق سانىنى قوشۇپ ھېسابلاپ (ياپونىيە قائىدىسىدە پەقەت بوشلۇقلا ھېسابلىنىدۇ) ، كۆپ بولغىنى غەلىبە قىلغان بولىدۇ. ئەگەر بىر تەرەپ ئويۇن ئاخىرلاشمايلا يېڭىلگىنىگە تەن بەرسە، يەنە بىر تەرەپ ئويۇن ئوتتۇرىسىدىلا غەلىبە قىلغان بولىدۇ. قارا ئۇرۇق باشلاپ يۈرگەچكە، ئاۋۋال قول سېلىش ئۈستۈنلۈكىدە بولىدۇ، شۇڭا ئاۋۋال يۈرگەن تەرەپ ئويۇن ئاخىرىدا چوقۇم كېيىن يۈرگەن تەرەپكە كېمىنى تولدۇرۇپ بېرىشى كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن. تەڭ چىقىپ قېلىشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش ئۈچۈن، كېمىنى تولدۇرۇش سانى2 ئۇرۇق قىلىپ بېكىتىلگەن(ياپونىيە قائىدىسىدە 5 ئۇرۇق بولىدۇ) .

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏