چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش «ۋالىبول» نىڭ ئىنگلىزچە مەنىسى بوشلۇقتا توپ ئۇرۇشتىن ئىبارەت. ۋالىبول ھەرىكىتى ئامېرىكىدا بارلىققا كەلگەن. 1895-يىلى ئامېرىكىلىق ۋىليام موگىن بىر خىل ئويۇن ئىجاد قىلغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :ۋالىبول

خەنزۇچە ئىسمى :排球

ۋالىبول ھەققىدە 

8پارچەۋالىبول«ۋالىبول» نىڭ ئىنگلىزچە مەنىسى بوشلۇقتا توپ ئۇرۇشتىن ئىبارەت. ۋالىبول ھەرىكىتى ئامېرىكىدا بارلىققا كەلگەن. 1895-يىلى ئامېرىكىلىق ۋىليام موگىن بىر خىل ئويۇن ئىجاد قىلغان. بۇنىڭدا كىشىلەر تېننىس مەيدانىدا سېتكىنىڭ ئىككى تەرىپىگە بۆلۈنۈپ تۇرۇپ، ۋاسكېتبولنىڭ كامېرىنى ياكى ئۇنىڭغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان توپنى ئۇياقتىن-بۇياققا ئۇرۇپ ئۆتكۈزۈپ ئوينىغان، ئۇرۇش قېتىمى چەكلەنمىگەن. مانا بۇ ۋالىبول ھەرىكىتىنىڭ ئىپتىدائىي شەكلىدۇر.

ئېلىمىزنىڭ ۋالىبول ھەرىكىتى 1905-يىلىدىن باشلىنىپ، ئەڭ دەسلەپتە ھەربىر كوماندىدىن 16 دىن ئادەم مەيدانغا چۈشۈپ، ھەربىر رەتتە تۆت ئادەمدىن تۆت رەت بولۇپ تۇرغان. 1923-يىلى يىراق شەرق تەنھەرىكەت يىغىنىدا 12 ئادەم ئۈچ رەت بولۇپ تۇرغان؛ 1927-يىلى توققۇز ئادەمگە ئۆزگەرتىلگەن. توققۇز كىشىلىك تۈزۈمدىكى ۋالىبول ئېلىمىزدە ئۇزاق ۋاقىت داۋاملىشىپ، 1950-يىلىغا كەلگەندىلا ھازىرقى ئالتە كىشىلىك تۈزۈمگە ئۆزگەرتىلگەن.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏