چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش «نارۇتو» ياپونىيەنىڭ دۇنياغا داڭلىق كارتون فىلىمى .

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :نارۇتو(بىرىنچى بۆلۈم)

باش رولچى :ئۇزاماكىنارۇتو

خەنزۇچە نامى :火影忍者

تۈرى :ھەرىكەتلىك/سەرگۈزەشت/كارتون

باشقا نامى :NARUTO -ナルト-

قىسىم سانى :220 قىسىم

ئىشلىگەن شىركەت :Pierrotسىتۇدىيىسى

دىئالوگ تىلى :ياپونچە

ئىشلەنگەن ئورۇن :توكيو تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى

تۇنجى كۆرسەتكەن قانال :پۇرچاقتورى(چوڭقۇرۇقلىقى)

رېژىسسور :داتېخاياتو

سېنارىست :كىشىموتوماساشى

كارتون فىلىم-«نارۇتو»

«نارۇتو»بولسا ياپونىيەلىك ھەجۋى كارتونچى كىشىموتو ماساشىنىڭ ۋەكىل خاراكتىرلىك ئەسىرى بولۇپ، بۇ ئەسەر 1999-يىلىدىن باشلاپ «ھەپتىلىك ئۆسمۈرلەرJUMP» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان. 

«نارۇتو» كارتونى كىشىموتو ماساشىنىڭ «نارۇتو»ناملىق ھەجۋى رەسىمىگە ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن. نارۇتو كارتونىنىڭ بىرىنچى بۆلىمى 2002-يىلى 10-ئايدا توكيو تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىدا قويۇلغاندىن تارتىپ 220 قىسىم ئىشلەندى. ئىككىنچى بۆلىمى « نارۇتو شىپپودېن» 2007-يىلى 2-ئايدىن باشلاپ ھازىرغىچە قويۇلىۋاتىدۇ. 

قىسقىچە مەزمۇنى : ئون نەچچە يىللار بۇرۇن زور قۇدرەتكە ئىگە «توققۇز قۇيرۇقلۇق ئالۋاستى تۈلكە» كونوخانو كەنتىگە ھۇجۇم قىلىدۇ. 

شۇ ۋاقىتتىكى تۆتىنچى ئەۋلاد ئوت ئاتامانى  ئۆز ھاياتى بەدىلىگە بۇ تۈلكىنى ئەمدىلا تۇغۇلغان نارۇتونىڭ بەدىنىگە بەند قىلىۋىتىدۇ. كەنت 

ئىلگىرىكى تىنىچ ھالىتىگە قايتىدۇ. بىراق كىشىلەر نارۇتونى توققۇز قۇيرۇقلۇق ئالۋاستى تۈلكە دەپ قاراپ ھەممە ئادەم ئۇنىڭدىن يىراقلىشىدۇ.

نارۇتو ھەمىشە چاتاق چىقىرىش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا تىرىشىدۇ. كېيىن ئىرۇكا مۇئەللىمنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەربىيلىشى

نەتىجىسدە نارۇتو ئۈمىدۋارلىق بىلەن تىرىشىدۇ. باشقىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئوت ئاتامانى بولۇشنى نىيەت قىلىدۇ. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏