چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش 70-يىللىرىدا ئەنئەنىۋى يېنىك تىپتىكى ئايروپىلاندىنمۇ يېنىك بولغان بىر خىل ئايروپىلان دۇنياغا كەلدى. بۇ خىل ئايروپىلان ئادەتتىن تاشقىرى يېنىك تىپتىكى ئايروپىلان دەپ ئاتالدى. بۇ ئايروپىلان ئادەتتە تەنتەربىيە ۋە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

نامى :ئادەتتىن تاشقىرى يېنىك تىپتىكى ئايروپىلان

خەنزۇچە نامى :超轻型飞机

تۈرگە ئايرىش ئۇسۇلى :ئېغىرلىقى بويىچە تۈرگە ئايرىش

ئىشلىتىلىشى :خەلق ئاۋىياتسىيە تۈرى

ئىقتىدار :ئۇچۇش قونۇش قولايلىق

ئېغىرلىقى :115كىلوگىرامدىن ئېشىپ كېتىشكە بولمايدۇ

سۈرئىتى :50-100كىلومېتىر/ سائەت

ئايروپىلان ھەققىدە 

5پارچەئادەتتىن تاشقىرى يېنىك تىپتىكى ئايروپىلانئېغىرلىقى بويىچە تۈرگە ئايرىغاندا ، ئەڭ يېنىك بولغان بىر خىل ئايروپىلان ، 70 - يىللاردىن بۇيان تېز تەرەققىي قىلغان . ئۇ يېنىك ئايروپىلان بىلەن بولان پەرقىدە قاتتىق بىرلىككە كەلگەن بەلگىلىمە يوق . ئادەتتىن تاشقىرى يېنىك ئايروپىلان خەلق ئاۋىياتسىيە تۈرىگە تەۋە ، ئۇچۇش پائالىيىتى خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ ، شوپۇرلۇق پىراۋىسى خەلق ئاۋىياتسىيە باش ئىدارىسى تارقىتىدۇ ، ئىلتىماس قىلىش بىر قەدەر قىيىن . ھازىر ھەرقايسى جايلاردىكى ئاۋىياتسىيە مەكتىپى ۋە ئاۋىياتسىيە كۇلۇبىدا ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ .

ئېغىرلىقى

70-يىللىرىدا ئەنئەنىۋى يېنىك تىپتىكى ئايروپىلاندىنمۇ يېنىك بولغان بىر خىل ئايروپىلان دۇنياغا كەلدى. بۇ خىل ئايروپىلان ئادەتتىن تاشقىرى يېنىك تىپتىكى ئايروپىلان دەپ ئاتالدى. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، بىر كىشىلىك ئادەتتىن تاشقىرى يېنىك تىپتىكى ئايروپىلاننىڭ ئېغىرلىقى 115 كىلوگىرامدىن، ئىككى كىشىلىك ئادەتتىن تاشقىرى يېنىك تىپتىكى ئايروپىلاننىڭ ئېغىرلىقى 150 كىلوگىرامدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. بۇنداق ئايروپىلاننىڭ سائەتلىك ئۇچۇش تېزلىكى 100 كىلومېتىردىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏