چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى ئىلى دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنى تىكەس دەريا ۋادىسى، تىكەس-مۇڭغۇلكۈرە ئويمانلىقىنىڭ غەربىي بۆلىكىگە جايلاشقان.1

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

نامى :موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى

خەنزۇچە نامى :昭苏县

دۆلىتى :جۇڭگو

ئۆلكىسى :شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

مەمۇرىي رايون شەكلى :ناھىيە

تەۋە رايون :ئىلى قازاق ئاپتونۇم ئوبلاستى

يەر مەيدانى :11200 كۋادرات كىلومېتىر

نوپۇسى :189102 (2012-يىلى)

كىلىماتى :نەم

ناھىيە ھەققىدە

موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى ئىلى دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنى تىكەس دەريا  ۋادىسى، تىكەس-مۇڭغۇلكۈرە ئويمانلىقىنىڭ غەربىي بۆلىكىگە جايلاشقان.  مۇڭغۇلكۈرە شەرق تەرەپتە تىكەس ناھىيەسى،جەنۇبدا  ئونسۇ، باي ناھىيەسى، شىمالدا چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى، غەربتە قازاقىستان (چىگرا پاسىل ئۇزۇنلۇقى 200 كىلومېتىردىن ئارتۇق)، غەربىي جەنۇبتا  قىرغىزىستان بىلەن چىگىرىلىنىدۇ.  جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىكى غەرب تەرەپ ئىگىز شەرق تەرەپ پەس. تىكەس دەرياسى پۈتۈن چىگرانى كېسىپ ئۆتىدۇ. يەر تۈزۈلۈشى تاغلىق، ھاۋاسى يېرىم نەم، يايلاق كىلىماتىغا تەۋە. قىش ئۇزۇن ياز قىسقا، تۆت پەسىل ئېنىق ئايرىلمىغان، ھاۋا ئۆزگىرىشى تۇراقسىز. ناھىيە بازىرى بىلەن مەركىزى شەھەر ئۈرۈمچىنىڭ ئارىلىقى 879 كىلومېتىر،پۈتۈن ناھىيەنىڭ يەر كۆلىمى 11200 كىۋادرات كىلومېتىر. 2012–يىللىنىڭ ئاخىردىكى نوپۇس سىتاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا ناھىيەنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 189102 ئادەم.  ناھىيەدە قازاق، خەنزۇ، ئۇيغۇر، موڭغۇل، قىرغىز، خۇيزۇ، تاتار، ئۆزبېك، شىبە، رۇس، تاجىك قاتارلىق 21 مىللەت بار.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏