چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش كاكتۇس كاكتۇسلار ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى بولۇپ، ئۇ 2000 دىن ئارتۇق تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئالىقان شەكىللىك، شار شەكىللىك، سىلىندىر(تۈۋرۈك) شەكىللىك قاتارلىق كۆپ خىل شەكىلدىكىلىرى بولىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :كاكتۇس

تەۋەلىكى :ئۈسۈملۈكلەر دۇنياسى

تىپى :يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۈسۈملۈكلەر تىپى

سىنىپى :قوش پەللىلىك ئۈسۈملۈكلەر سىنىپى

تۈركۈمى :كاكتۇسلار تۈركىمى

ئائىلىسى :كاكتۇسلار ئائىلىسى

ئۇرۇقداشلىرى :كاكتۇسلار ئۇرۇقدېشى

سىرتقى شەكلى

4پارچەكاكتۇسئەزەلدىن «ھېچنېمە ئۈنمەيدىغان يەر» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن چۆل-جەزىرىلەردە كاكتۇسلار مەغرۇرانە ياشاپ، ئۈزۈلدۈرمەي ئەۋلاد قالدۇرۇپ كۆپەيمەكتە.قۇرغاقچىلىق مۇھىتتا سۇيىنىڭ پارغا ئايلىنىپ كېتىشىنى ئازايتىش ئۈچۈن، كاكتۇسنىڭ يوپۇرماقلىرى رودىمېنتلىشىپ يىڭنە شەكلىگە ئۆزگەرگەن، غولى قېلىن، گۆشلۈك، سۈيى كۆپ، نېپىز پوستلۇق توقۇلما ھۈجەيرىلىرى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، كۆپ مىقداردىكى سۇلارنى زاپاس ساقلايدۇ؛ غولىنىڭ ئېپىدېرما ھۈجەيرىلىرىدە قېلىن ھەم قاتتىق موم ماددىلىق قوغدىغۇچى قەۋىتى بولىدۇ ياكى زىچ ئۆسكەن تىۋىت تۈكچىلىرى بولىدۇ. بۇ تۈزۈلۈشلىرى ئۇنى كۈچلۈك كۈن نۇرىدىن قوغدايدۇ ھەم سۇنىڭ پارلىنىشىنى تۆۋەنلىتىدۇ. 

كاكتۇس يىلتىزىنىڭ تارماق يىلتىزلىرى كۆپ، يىلتىز سىستېمىسى يوغان بولۇپ، كۆپ ياغمايدىغان يامغۇر سۇلىرىنى زايە قىلماي سۈمۈرۈپ ئالالايدۇ. يامغۇر يېغىپلا قالسا، كاكتۇسلار ئۈستۈنكى تۇپراق يۈزىگە نۇرغۇن يېڭى يىلتىزلارنى ئۆستۈرۈپ چىقىرىپ، زور مىقداردا سۇ سۈمۈرۈۋالىدۇ. ئۇنىڭ چوڭ يىلتىزىنى ناھايىتى قېلىن پۇرۇپكىلىق توقۇلمىسى قوغداپ تۇرغاچقا، قىزىپ كەتكەن قۇم شېغىللىقتا ياشىسىمۇ قۇرۇپ قالمايدۇ. بەزىلەر تەجرىبە قىلىپ كاكتۇسنى ئالتە يىلغىچە سۇغارمىسىمۇ، ئۇ يەنىلا قەيسەرلىك بىلەن ئۆسۈۋەرگەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بەزى چوڭ كاكتۇسلارنىڭ ئۆمرى نەچچە يۈز يىلغا يېتىدىكەن. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏