چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش تىنچ ئوكياننىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىدىكى غەربىي سامۇئانىڭ پايتەختى، مۇھىم پورتى. بۇ شەھەر ئۇپولۇ ئارىلىدىكى شىمالىي دېڭىز قىرغىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :ئاپىيە

خەنزۇچە نامى :阿皮亚

ئاپىيە شەھىرى

14پارچەئاپىيەتىنچ ئوكياننىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىدىكى غەربىي سامۇئانىڭ پايتەختى، مۇھىم پورتى. بۇ شەھەر ئۇپولۇ ئارىلىدىكى شىمالىي دېڭىز قىرغىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان. ئاھالىسى 34 مىڭدىن ئاشىدۇ(1984) ، شەھەر 1850-يىلى دېڭىز قىرغاق لىنىيىسىنى بويلاپ سېلىنغان. 1966-يىلى ئاپىيەنىڭ تۆت كىلومېتر شەرقىدە چوڭقۇر سۇلۇق پرىستان قۇرۇلغان، 40 كىلومېتر غەربىدە خەلقئارا ئايرودروم سېلىنغان. ئاپىيە—غەربىي سامۇئانىڭ ئەڭ مۇھىم قاتناش تۈگۈنى، بۇ جايدىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى چوڭ شەھەرلىرىگە قاتنايدىغان ھاۋا يوللىرى، سۇ يوللىرى، ئارالدىكى شەھەر—جىڭلارنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان قۇرۇقلۇق يوللىرى بار. شەھەرنىڭ ئۈچ كىلومېتر غەربىي شىمالدىكى مولىنو يېرىم ئارىلىدا رەسەتخانا قۇرۇلغان. ئاپىيە پورتى ئارقىلىق پالما، بانان، كاكائو، كوفي قاتارلىقلار ئېكسپورت قىلىنىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏