چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش باش مىنىستىر يەنى زۇڭلى بىر دۆلەت ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقى ،مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ مەمۇرىي خىزمەتلىرىگە بىر تۇتاش يېتەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل بولغۇچى ،پادىشاھلىق تۈزۈمدىكى ياكى جۇمھۇرىيەت تۈزۈمدىكى دۆلەتلەردە قوللىنىلىدۇ ،باش ۋەزىر پادىشاھلىق تۈزۈمدىكى دۆلەتلەردىكى باش مىنىستىرنىڭ ئاتىلىشى ،بىز دەيدىغان تايلاند باش ۋەزىرى ،مالايسىيا باش ۋەزىرى قاتارلىقلار ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ داۋاملىشىپ كەلگەن ،بەزى سىياسى پارتىيە ،ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرىنىمۇ باش مىنىستىر دەپ ئاتايدۇ . مەسىلەن سۈن جۇڭشەن ئەپەندى جوڭگۇ گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ باش مىنىستىرى،شىياڭگاڭدا بەزى خەير–ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى ئاساسلىق پۇل ئىئانە قىلغۇچىنى باش مىنىستىر دەپ ئاتىغان . باش مىنىستىر بىلەن باش ۋەزىرنىڭ چوڭ پەرقى يوق ،ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا ،باش ۋەزىر پادىشاھلىق تۈزۈمدىكى دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت باشلىقى .

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :باش مىنىستىر

خەنزۇچە نامى :总理

خىزمەت ھوقۇقى :مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ مەمۇرىي خىزمەتلىرىگە بىر تۇتاش يېتەكچىلىك قىلىش

قوللىنىدىغان دۆلەت سېستىمىسى :پادىشاھلىق تۈزۈمدىكى ياكى جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىدىكى دۆلەت سېستىمىسى

بارلىققا كېلىش تەرتىپى    

  

    باش مىنىستىرنىڭ بارلىققا كېلىشىدە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بەلگىلمىسى ئوخشىمايدۇ ،« جۇڭخا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ ئاساسى قانۇنى » دا ئېنىق  بەلگىلەنگەن ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى دۆلەت رەئىسىنىڭ نامزات كۆرسىتىشى ھەمدە دۆلەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ماقۇللىشى ئاستىدا تەيىنلىنىدۇ ، ئەڭ يۇقىرى دۆلەت ھاكىمىيەت ئورگىنى –گوۋۇيۈەننىڭ خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ ، گىرمانىيە زۇڭلىسى زۇڭتۇڭنىڭ نامزات كۆرسىتىشى ۋە ئىتتىپاقداشلار پارلامىنتىنىڭ ئومۇمىي يىغىندا سايلاش ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ ،فىرانسىيە زۇڭلىسى  پارلامىنتتىكى كۆپ ساندىكى كىشلەرنىڭ نامزات كۆرسىتىشى ۋە زۇڭتۇڭنىڭ كۆرسىتىشى ئارقىلىق تەيىنلىنىدۇ

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏