چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش بىل گايتىس 1955-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى سېئاتىل شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇ كىچىكىدە باشقىلار بىلەن مۇنازىرىلىشىشكە ئامراق ھەم ناھايىتى ئەقىللىق بالا ئىدى، گەيتىسنىڭ دادىسى ئادۋوكات، ئاپىسى بولسا ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئون نەچچە ياش ۋاقىتلىرىدىلا ئۆزىنىڭ ئىلىمخۇمارلىقىنى بىلىندۈرۈپ، نەچچە توملىغان ‹ دۇنيا نەشرىياتى قامۇسى› نى ئوقۇپ چىققانىدى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسىمى :بىل گايتىس

ئېنگىلىزچە ئىسمى :Bill Gates

خەنزۇچە ئىسمى :比尔·盖茨

باشقا نامى :威廉·亨利·盖茨三世

تۇغۇلغان ۋاقتى :1955-يىلى10-ئاينىڭ 25-كۈنى

پۈتتۈرگەن مەكتىپى :خارۋارد ئونۋېرسىتى

دۆلەت تەۋەلىكى :ئامرىكا

مۇھىم نەتىجىسى :مىكروسوفىت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى

ۋەكىللىك ئەسىرى :ۋىندوۋس كۆزنەك سېستىمىسى

شەخسلەر ئانكىتى

3پارچەبىل گايتىسبىل گايتىس 1955-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى سېئاتىل شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇ كىچىكىدە باشقىلار بىلەن مۇنازىرىلىشىشكە ئامراق ھەم ناھايىتى ئەقىللىق بالا ئىدى، گايتىسنىڭ دادىسى ئادۋوكات، ئاپىسى بولسا 

ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئون نەچچە ياش ۋاقىتلىرىدىلا ئۆزىنىڭ ئىلىمخۇمارلىقىنى بىلىندۈرۈپ، نەچچە توملىغان ‹ دۇنيا نەشرىياتى قامۇسى› نى ئوقۇپ چىققانىدى.

بىل گايتىسنىڭ دادىسى ئۇنى كۆل بويى ئوتتۇرا مەكتىپىگە ئاپىرىپ بەرگەن بولۇپ،بۇ مەكتەپ بولسا سېئاتىل شەھىرى بويىچە باشقۇرۇشى ئەڭ قاتتىق بولغان شەخسىي مەكتەپ ئىدى، گەيتىسنىڭ كېيىنكى چاغلاردىكى 

ھەمكارلاشقۇچىسى-پائۇل ئاللېنمۇ دەل مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇغانىدى، بىل گايتىس دەل مۇشۇ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىدا كومپىيوتېرنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك بولغان ئىقتىدارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقىغانىدى. ئۇ 2005-

يىلى سۆزلىگەن بىر قېتىملىق نۇتۇقىدا مۇنداق دېگەنىدى:‹ مېنىڭ بىلەن ئاللېن ئىككىمىزنىڭ كۆل بويى ئوتتۇرا مەكتىپىدە باشتىن كەچۈرگەنلىرىمىز ۋە كۆرگەن بىلگەنلىرىمىز دەل بىزنىڭ شىركەت قۇرۇپ چىقىشىمىزغا ئىلھام 

بولغان بولۇپ، بىزنىڭ كومپىيوتېر ئۆزەكچىسىنىڭ كەلگۈسىدە كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىدىغانلىقى، كومپىيوتېر ۋە كومپىيوتېر يۇمشاق دېتالىنىڭ كەلگۈسىدە كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ۋە خىزمىتىدىكى مۇھىم قورالغا ئايلىنىدىغانلىقى، 

كومپىيوتېرنىڭ كەلگۈسىدە ھەممە ئائىلىلەردە پەيدا بولىدىغانلىقىدەك كۆز قاراشلىرىمىز باشقىلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشمىگەن بولسىمۇ، لېكىن بىزدە شىركەت قۇرۇش ئىشەنچى ئاتا قىلغانىدى›.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏