چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش گەرچە بىلىتون سىستېمىسى ھازىر ئاللىقاچان پارچىلىنىپ كەتكەن بولسىمۇ. بىراق دوللار يەنىلا دۇنيا پۇللىرى ئىچىدىكى 1-ئورۇندا. يېڭى قۇرۇلغان ئامېرىكا ئۆز دۆلىتىنىڭ پۇل نامىنى بېكىتكەندە «Dollar» دېگەن بۇ سۆزنى ئىشلەتكەن.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :ئامېرىكا دوللىرى

خەنزۇچە نامى :美元

چەتئەلچە نامى :United States Dollar

ئىشلىتىش رايونلار :ئامېرىكا

دوللار ھەققىدە

8پارچەدوللارئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئۆسۈم ئۆستۈردى، ئەمدى بىز دوللار توغرىسىدا توختىلىپ باقايلى. گەرچە بىلىتون سىستېمىسى ھازىر ئاللىقاچان پارچىلىنىپ كەتكەن بولسىمۇ. بىراق دوللار يەنىلا دۇنيا پۇللىرى ئىچىدىكى 1-نومۇر. شۇڭا كىچىككىنە چۈشكۈرۈپ قويسىمۇ دۇنيا ئېغىر زۇكامداپ قالىدۇ. ئۇنداقتا ئامېرىكا دوللىرى زادى قەيەردىن كەلگەن؟ 2015-يىلى پۇل مۇئامىلە بازىرىغا چۈشكەن بومبا بۈگۈن ئەتىگەن ئاخىرى پارتلىدى. بۇ مەيلى زايوم بازىرى بولسۇن ياكى پاي چېكى بازىرى بولسۇن، ھەتتا بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزغىمۇ تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. ئۇنداقتا ئامېرىكا دوللىرى زادى قەيەردىن كەلگەن؟ ئامېرىكا دوللىرى بەلگىسى $ نەدىن كەلگەن؟ ئامېرىكا دوللىرى نېمىشقا Dollar دەپ ئاتىلىدۇ؟ بىر ۋاراق 100 دوللارنى بېسىپ چىقىرىش ئۈچۈن قانچە پۇل كېتىدۇ؟نۇرغۇن كىشىلەر بەلكىم بەك غەلىتىلىك ھېس قىلىشى مۇمكىن. ئامېرىكا ئەنگلىيەنىڭ مۇستەملىكىسى، شۇڭا تەبىئىيكى ئامېرىكىنىڭ پۇلى Pound بولۇشى كېرەك. لېكىن بۇنىڭ ئەكسىچە ئامېرىكا نېمىشقا Dollar نى ئىشلىتىدۇ؟ بۇنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئامېرىكا مۇستەقىل بولۇشتىن بۇرۇنقى 13 ئىشتات دەۋرىگە قايتىشقا توغرا كېلىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏