چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش بېنگال قولتۇقى بىلەن ئاندامان دېڭىز ئارىلىقىغا جايلاشقان شىمال-جەنۇب يۆنىلىشىدە سوزۇلغان ئاراللارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئاراللار ئىككى چوڭ گۇرۇپپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ بىرى، ئاندامان گۇرۇپپىسى، بۇ شىمالىي قىسىمغا جايلاشقان بولۇپ، شىمالىي ئاندامان 204 كىچىك ئارالنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

نامى :ئاندامان-نىكوبار ئاراللىرى

خەنزۇچە نامى :安达曼-尼科巴群岛

قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇش 

3پارچەئانداماننىكوبار ئاراللىرىبېنگال قولتۇقى بىلەن ئاندامان دېڭىز ئارىلىقىغا جايلاشقان شىمال-جەنۇب يۆنىلىشىدە سوزۇلغان ئاراللارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئاراللار ئىككى چوڭ گۇرۇپپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ بىرى، ئاندامان گۇرۇپپىسى، بۇ شىمالىي قىسىمغا جايلاشقان بولۇپ، شىمالىي ئاندامان 204 كىچىك ئارالنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئاراللارنىڭ يەر مەيدانى 6461 كۋادرات كىلومېتر، ئاھالىسى 90 مىڭدىىن ئاشىدۇ. شىمالدىن جەنۇبقا 467 كىلومېتر ئۇزۇنلۇقتا سوزۇلۇپ تۇرىدۇ. يەنە بىرى، جەنۇبىي قىسىمغا جايلاشقان نىكوبار ئاراللار گۇرۇپپىسى—بۇ چوڭ-كىچىك 18 ئارالنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە 11 ئارالغا كىشىلەر ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي يەر مەيدانى 1831 كۋادرات كىلومېتر، ئاھالىسى 22 مىڭدىن ئاشىدۇ. ئاندامان—نىكوبار ئاراللىرى مەمۇرىي جەھەتتىن ھىندىستانغا بىۋاسىتە قاراشلىق رايون ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئاراللار بىلەن ھىندىستان قۇرۇقلۇقىنىڭ ئارىلىقى 1200 كىلومېتر، ھىندۇنېزىيىنىڭ سوماترا ئارىلى بىلەن بولغان ئارىلىقى 160 كىلومېتر، بېرما دېڭىز قىرغاق رايونلىرى بىلەن بولغان ئارىلى 200 كىلومېتر كېلىدۇ. ئاندامان—نىكوبار ئاراللىرى تروپىك بەلباغقا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن، ھاۋا تېمپېراتۇرىسى يىل بويى يۇقىرى بولىدۇ. يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 2000 مىللىمېتردىن ئاشىدۇ. شۇڭا بۇ ئاراللار ياپيېشىل ئورمان، ئوت-چۆپلەر بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ. ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %86 گە يېتىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏