چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئىزمىر تۈركىيىنىڭ غەربىدىكى ئەڭ چوڭ پورت شەھىرى، ئىزمىر ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى. بۇ شەھەر بۇرۇن «شىمىنا» دەپ ئاتالغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

نامى :ئىزمىر

خەنزۇچە نامى :伊兹密尔

دۆلىتى :تۈركىيە

ئۆلكىسى :ئىزمىر ئۆلكىسى

مەمۇرىي رايون شەكلى :شەھەر

تەۋە رايون :تۈركىيەنىڭ ئىزمىر ئۆلكىسى

يەر مەيدانى :شەھەر رايونىنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 280 كۋادرات كىلومېتىر

نوپۇسى :2 مىليون 550 مىڭ ( 2000 - يىلى )

چەتئەلچە نامى :Izmir

تۈركىيە - ئىزمىر شەھىرى

15پارچەئىزمىر شەھىرىتۈركىيىنىڭ غەربىدىكى ئەڭ چوڭ پورت شەھىرى، ئىزمىر ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى. بۇ شەھەر بۇرۇن «شىمىنا» دەپ ئاتالغان. ئىزمىر ئايگېئان دېڭىزىدىكى ئىزمىر قولتۇقىنىڭ باش قىسمىغا جايلاشقان تەبىئىي پورت. ئاھالىسى 637 مىڭدىن ئاشىدۇ. شەھەر ئەتراپى مۇھىم يېزا ئىگىلىك رايونى بولۇپ، دەريا ۋادىسى ئارقىلىق ئىچكى رايونلار بىلەن باغلىنىپ تۇرىدۇ. سىرتقا ئەنجۈر، پاختا، تاماكا، كۆكتات، ئاشلىق، گىلەم، يىپەك مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىدۇ. سانائەتتە توقۇمىچىلىق، يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك قاتارلىق يېنىك سانائەتلەرنى ئاساس قىلىدۇ. يەنە ماشىنىسازلىق، نېفىت ئايرىش، كېمىسازلىق قاتارلىق سانائەتلىرىمۇ بار. شەھەر ئەتراپىدىكى فېس ۋە پېرگاما قاتارلىق قەدىمىي ئورۇنلار بىلەن دەم ئېلىش ئورۇنلىرى مۇھىم ساياھەت مەركەزلىرى ھېسابلىنىدۇ.


يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏