چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش
باكامو مالى جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى، سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى.
نامى :باكامو
خەنزۇچە نامى :巴马科
دۆلىتى :مالى جۇمھۇرىيىتى
مەمۇرىي رايون شەكلى :پايتەخت
تەۋە رايون :مالى جۇمھۇرىيىتىدىكى باماكو چوڭ رايونى
يەر مەيدانى :267 كۇۋادىرات كىلومېتىر
نوپۇسى :2458695 ( 2012 - يىل )
كىلىماتى :تروپىك بەلۋاغ يايلاق كىلىماتى
چەتئەلچە نامى :Bamako
باشقا نامى :تىمساھ شەھىرى
9پارچەباكامومالى جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى، سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى. باماكو شەھىرى نېگىر دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان، شەھەر ئاھالىسى 500 مىڭدىن ئاشىدۇ(1981) ، شەھەرنىڭ يېنىغا كورۇبا تېغى جايلاشقان، شەھەر كوچىلىرىنىڭ ئىككى تەرىپىگە ماڭگو دەرىخى ئۆستۈرۈلگەن. شەھەردە ماشىنا رېمونت قىلىش، يېمەك-ئىچمەك، توقۇمىچىلىق، نەققاشچىلىق، پەرداز بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. باماكو شەھىرىگە مالىيىنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى يىغىلىپ باشقا ئورۇنلارغا تارقىتىلىدۇ. باماكو شەھىرى تۆمۈريول ئارقىلىق سېنېگالنىڭ پايتەختى داكار شەھىرى بىلەن باغلىنىپ تۇرىدۇ. تاشيوللار ئارقىلىق ماۋرىتانىيە، بۇركىنافاسو، گۋېنىيىلەر بىلەن تۇتىشىدۇ.
ئىسىم تاللاش قوللانمىسى