چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش چېخ ۋەسلوۋاكىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبى چېگرىسىدىكى مۇھىم شەھەر، چېخۋەسلوۋاكىيىنىڭ پراگا، بورنولاردىن قالسا ئۈچىنچى چوڭ شەھەر، سلوۋاك رايونىنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى، مۇھىم سودا-سانائەت، قاتناش مەركىزى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

نامى :براتىسلاۋا

خەنزۇچە نامى :布拉迪斯拉发

دۆلىتى :چېخۋەسلوۋاكىيە

چەتئەلچە نامى :Bratislava

مەمۇرىي رايون تۈرى :شەھەر

قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇش 

7پارچەبراتىسلاۋاچېخۋەسلوۋاكىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبى چېگرىسىدىكى مۇھىم شەھەر، چېخۋەسلوۋاكىيىنىڭ پراگا، بورنولاردىن قالسا ئۈچىنچى چوڭ شەھەر، سلوۋاك رايونىنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى، مۇھىم سودا-سانائەت، قاتناش مەركىزى. شەھەر ئاھالىسى 350 مىڭدىن ئاشىدۇ. براتسىلاۋا چېخۋەسلوۋاكىيىنىڭ مۇھىم سانائەت مەركىزى. ئۇنىڭ سانائىتى كۆمۈر سانائىتى بىلەن مېتاللورگىيە سانائىتى ئاساسىدا تەرەققىي قىلغان ئېغىر تىپتىكى ماشىنىسازلىق سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا نېفىت ئايرىش، خىمىيە سانائەت، كېمىسازلىق، ئېلېكتر ماشىنىلىرى، ستانوك، نازۇك ماشىنىسازلىق مەھسۇلاتلىرى، يېمەك-ئىچمەك، توقۇمىچىلىق، ئەينەك قاتارلىق كۆپ خىل سانائەت ئورۇنلىرى بار. براتىسلاۋا دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى مۇھىم دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونىغا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن دېقھانچىلىق ھەم چارۋا مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش سانائىتىمۇ ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏