چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش بېيجىڭ جۇڭگونىڭ پايتەختى،بېيجىڭ غەربتە تەيخاڭشەن تېغىغا تۇتىشىدۇ، كەينى تەرىپىدە يەنشەن تېغى بار، شەرقتە بوخەي دېڭىزىغىچە بارىدۇ، ئۇ شىمالىي جۇڭگو تۈزلەڭلىكىگە يۈزلىنىپ تۇرىدۇ .

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

نامى :بېيجىڭ

خەنزۇچە نامى :北京

دۆلىتى :جۇڭگو

مەمۇرىي رايون شەكلى :بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر

تەۋە رايون :جۇڭگو

كىلىماتى :شىمالىي مۆتىدىل بەلۋاغ مۇسسۇن كىلىماتى

چەتئەلچە نامى :Beijing

باشقا نامى :燕京、蓟城、涿郡、幽州、北平

جۇغراپىيەلىك ئورنى :شىمالىي جۇڭگو تۈزلەڭلىكىنىڭ غەربىي شىمال گىرۋىكى

بېيجىڭ شەھىرى ھەققىدە

10پارچەبېيجىڭبېيجىڭ جۇڭگونىڭ پايتەختى. جۇڭگونىڭ ئىككى كاتتا مەدەنىيلىك سىمۋولى −10 مىڭ چاقىرىملىق سەددىچىن سېپىلى ۋە بېيجىڭ-خاڭجۇ قانىلى بېيجىڭ بىلەن باغلانغان، بۇنىڭدىن 500 مىڭ يىللار ئىلگىرىلا، «بېيجىڭ ئادىمى» بۇ رايوندا ياشىغان. غەربىي جۇ ۋە ئەمىنىيە، يېغىلىق دەۋرىدىكى يەن بەگلىكى بۇ يەرنى پايتەخت قىلىپ، جى دەپ ئاتىغان. بۇ يەرنى جىن، يۈەن، مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرىمۇ پايتەخت قىلغان. مىنگونىڭ دەسلەپكى يىللىرىدىمۇ بېيجىڭ پايتەخت قىلىنغان.

ئەگەر سىز تىك ئۇچار ئايروپىلاندىن بېيجىڭغا قارىسىڭىز، جىڭشەن تېغى خۇددى بەش ئەزاسى تولۇق، ئوڭ-سول تەرىپى سىممېترىك كەلگەن ئادەم سۈرىتىگە ئوخشاش كۆرۈنىدىغانلىقىغا ھەيران قالىسىز. 

قەدىمكى بېيجىڭ شەھىرى سىممېترىك كەلگەن شەھەردۇر. ئۇ گۇگۇڭ سارىيىنى مەركەز قىلغان ھالدا يۇڭدىڭمېندىن چيەنمېن، تيەنئەنمېن، ۋۇمېن، شېنۋۇمېن، جىڭشەن، دىئەنمېن ۋە جۇڭلۇ ئارقىلىق ئۇدۇل گۇلۇغا بارىدىغان مەركىزىي ئوق سىزىقنى ھاسىل قىلغان. دۇڭسى، شىسى قاتارلىق جەنۇب-شىمال يۆنىلىشىدىكى پاراللېل كەلگەن چوڭ كوچىلار شەرق-غەرب يۆنىلىشىدە سوزۇلغان تار كوچىلار بىلەن ئۆزئارا كېسىشىپ، ئوق سىزىقنىڭ ئىككى تەرىپىگە جايلاشقان. بېيجىڭ شەھىرى ئەنە شۇنداق سىممېترىك بولغاچقا، ئۇنىڭ كوچىلىرىنى تونۇماق بىرقەدەر ئاسان. تارىختا ئۆتكەن فېئودال پادىشاھلارنىڭ ھاكىمىيىتىگە سىمۋول قىلىپ سېلىنغان مۇھىم قۇرۇلۇشلارمۇ يۇقىرىقى مەركىزىي ئوق سىزىقىنىڭ ئەتراپىغا رەتلىك ھەم سىممېترىك جايلاشقان. مەسىلەن، مىڭ سۇلالىسى بىلەن چىڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھلىرى تەڭرى ۋە زېمىنغا ئاتاپ نەزىر-چىراغ ئۆتكۈزىدىغان جاي تيەنتەن بىلەن دىتەن مەركىزىي ئوق سىزىقىنىڭ جەنۇب ۋە شىمال ئۇچىنىڭ شەرق تەرىپىگە جايلاشقان؛ تيەنئەنمېننىڭ شەرقىدە خان جەمەتىنىڭ خانلىق ئىبادەتخانىسى بار(ھازىر بۇ ئىبادەتخانا ئەمگەكچى خەلق مەدەنىيەت سارىيىغا ئۆزگەرتىلدى) ، تيەنئەنمېننىڭ غەربىدە ئىلاھ يولىدا نەزىر قىلىدىغان جاي − شېجىتەن بار ئىدى(ھازىر جۇڭشەن باغچىسىغا ئۆزگەرتىلدى) . بۇنداق سىممېترىكلىك ئەندىزە گۇگۇڭ سارىيىدىكى ئوردىلارنىڭ سېلىنىشىدا تېخىمۇ روشەن ئىپادىلىنىدۇ. زىجىنچېڭدىكى سارايلار گاھ ئېگىز-گاھ پەس بولۇپ، ماس كەلتۈرۈلۈپ سېلىنىپلا قالماستىن، بەلكى يول ياقىسىغا قويۇلغان يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ تاش ھەيكەللىرى ۋە تاش توسۇقلارمۇ، سارايلارنىڭ بۇرجەكلىرى، ئۆگزە قىرلىرىدىكى ئويمىلارمۇ جۈپ-جۈپ قىلىنىپ ماسلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بىر-بىرىنى چاقنىتىپ تۇرىدۇ. بۇلار رەتلىك ھەم سىممېترىك كەلگەن بېيجىڭنىڭ شەھەر قۇرۇلۇشىدىكى ئۆزگىچە ئۇسلۇبنى ۋە ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈشنى ھاسىل قىلغان، ئۇ كىشىلەرگە تەمكىن، ئازادە، سالاپەتلىك تۇيغۇ بېرىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏