چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش بېنگازى لىۋىيىنىڭ يەر ئوتتۇرا دېڭىز قىرغىقىغا جايلاشقان ئىككىنچى چوڭ شەھىرى. مۇھىم پورتى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

نامى :بېنگازى

خەنزۇچە نامى :班加西

دۆلىتى :لىۋىيىە

مەمۇرىي رايون شەكلى :شەھەر

كىلىماتى :ئىسسىق بەلباغ قۇملۇق كىلىماتى

چەتئەلچە نامى :Benghazi

باشقا نامى :比林奇

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

5پارچەبېنگازىلىۋىيىنىڭ يەر ئوتتۇرا دېڭىز قىرغىقىغا جايلاشقان ئىككىنچى چوڭ شەھىرى. مۇھىم پورتى. شەھەر ئاھالىسى 279 مىڭدىن ئاشىدۇ. بۇ شەھەر مىلادىدىن بۇرۇنقى 5-ئەسىردە قۇرۇلغان بولۇپ، ئافرىقىنىڭ ئىچىكى قىسمىغا بارىدىغان مۇھىم سودا رايونىدىكى پونكىت بولغان. لىۋىيە مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىقتىسادىي ھەم قاتناش مەركىزىگە ئايلانغان. بېنگازى شەھىرى يېڭىشەھەر، كونىشەھەر دەپ ئىككى قىسمغا، ئىچكى پورت، سىرتقى پورت دەپ ئىككى پورتقا بۆلۈنىدۇ. بېنگازى لىۋىيىنىڭ مۇھىم سانائەت شەھىرى، بۇ جايدا توقۇمىچىلىق، ېلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، سېمونت، پولات-تۆمۈر، خىمىيە، تاماكا قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى، لىۋىيە بويىچە ئاتاقلىق گىلەمچىلىك كارخانىلىرى بار. لىۋىيىنىڭ شىمالىدا يەر ئوتتۇرا دېڭىز قىرغىقىنى بويلاپ غەربتىن شەرققە سوزۇلغان مۇھىم تاشيول بېنگازى شەھىرىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. بۇ جايدا يەنە بېنگازى شەھىرىدىن باشلىنىپ غەربىي جەنۇبتىكى سولوك شەھىرىگە بارىدىغان، شەرقىي شىمالغا قاراپ مارجان شەھەرلىرىگە بارىدىغان ئىككى تارماق تۆمۈريول بار. ئۇنىڭدىن سىرت خەلقئارا ئايرودرومى، قىشلىق دەم ئېلىش، ساياھەت ئورۇنلىرى بار.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏