چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش بېلگراد يۇگوسلاۋىيە ئىتتىپاق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

نامى :بېلگراد

خەنزۇچە نامى :贝尔格莱德

مەمۇرىي رايون شەكلى :پايتەخىت , بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر

تەۋە رايون :يۇگوسلاۋىيەنىڭ شىمالى

چەتئەلچە نامى :Београд

باشقا نامى :贝尔格勒

بېلگراد شەھىرى ھەققىدە

7پارچەبېلگراديۇگوسلاۋىيە ئىتتىپاق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى. شۇنداقلا سىربىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭمۇ مەركىزى شەھىرى ھېسابلىنىدۇ. بېلگراد ساۋا دەرياسى بىلەن دوناي دەرياسىنىڭ قوشۇلغان يېرىگە جايلاشقان. ئاھالىسى شەھەر رايونى بىلەن قوشۇلۇپ بىر مىليون 470 مىڭدىن ئاشىدۇ(1981) ، ئۇ يۇگوسلاۋىيىنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى ھېسابلىنىدۇ. بېلگراد شەھىرى جايلاشقان ئورۇندا مىلادىدىن بۇرۇنقى 4-ئەسىرلەردە كىلىت خەلقلىرى ئولتۇراقلاشقان، مىلادىدىن بۇرۇنقى 1-ئەسىردىكى رىم ئىمپېرىيىسى مەزگىلىدە «سىنگىدۇنۇم» دەپ ئاتالغان. مىلادى 4-، 5-ئەسىرلەردە سىلاۋىيان خەلقلىرى تەرىپىدىن قايتا قۇرۇلغان، بۇ جايغا سېلىنغان ئۆيلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئاق رەڭدە ئاقارتىلغانلىقى ئۈچۈن سىلاۋىيان تىلىدا «بېلگراد» دەپ ئاتالغان(ئاق تۈسكە كىرگەن شەھەر دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ) . 1882-يىلى سىربىيە پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى بولغان. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏