چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش بېلوگورىزونتى برازىلىيە ئېگىز تەكشىلىكىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ئېسپىنياسۇ تېغىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان شەھەر.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

نامى :بېلوگورىزونتى

خەنزۇچە نامى :贝洛奥里藏特

دۆلىتى :بىرازىلىيە

مەمۇرىي رايون شەكلى :شەھەر

تەۋە رايون :برازىلىيە مىناس گرايېس ئىشتاتى

يەر مەيدانى :334 كۋادرات كىلومېتىر

كىلىماتى :كىلىماتى ئىللىق ، نەم

باشقا نامى :美景市

جۇغراپىيەلىك ئورنى :بىرازىلىيەنىڭ شەرقى جەنۇبى قىسىمى

بېلوگورىزونتى شەھىرى ھەققىدە

7پارچەبېلوگورىزونتىبرازىلىيە ئېگىز تەكشىلىكىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ئېسپىنياسۇ تېغىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان شەھەر. ىناس—ژىراس شتاتىنىڭ مەركىزى، برازىلىيە بويىچە سانپاۋلو، رىئو—دىې—جانېرو شەھەرلىرىدىن قالسا ئۈچىنچى چوڭ شەھەر. شەھەر ئاھالىسى بىر مىليون 560 مىڭدىن ئاشىدۇ. بۇ شەھەر 1895-يىلى قۇرۇلغان. 1897-يىلى شتات مەركىزى بولغان. بېلوگرىزونتى شەھىرى برازىلىيىنىڭ ئەڭ مۇھىم سانائەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى. سانائىتىدە كان سانائىتى، پولات-تۆمۈر، توقۇمىچىلىق قاتارلىق سانائەتلەرنى ئاساس قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا سېمونت، پاراۋۇز، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. شەھەر ئەتراپىدا دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تەرەققىي قىلغان. كۆمۈر، مارگانىتېس، ئالتۇن، ئالماس قاتارلىق كان بايلىقلىرى مول. شەھەردە يەنە ئاتوم ئېلېكتر ئىستانىسى ئايرودرومى، ھەرخىل مەكتەپلەر، تارىخىي ئورۇنلار بار.


يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏