چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش بېرىنگ دېڭىزى تىنچ ئوكياننىڭ ئەڭ شىمالىغا جايلاشقان دېڭىز بولۇپ، ئۇ بېرىنگ بوغۇزى ئارقىلىق شىمالىي مۇز ئوكياندىكى چۇكوتكا دېڭىزى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :بېرىنگ دېڭىزى

خەنزۇچە نامى :白令海

چەتئەلچە نامى :Bering Sea

كۆلىمى :2،304،000 كۋادرات كىلومېتىر

ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى :1636 مېتىر

ئەڭ چوڭ چوڭقۇرلۇقى :4773 مېتىر

جۇغراپىيەلىك ئورنى

11پارچەبېرىنگ دېڭىزىتىنچ ئوكياننىڭ ئەڭ شىمالىغا جايلاشقان دېڭىز بولۇپ، ئۇ بېرىنگ بوغۇزى ئارقىلىق شىمالىي مۇز ئوكياندىكى چۇكوتكا دېڭىزى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ جەنۇبىي ئالىئوت ئاراللىرى ھەم كوماندىر ئاراللىرى ئارقىلىق تىنچ ئوكياندىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ شەرقىدە ئا ق ش نىڭ ئالياسكا شتاتى، غەربىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كامچاتكا ئوبلاستى بار. دېڭىزنىڭ شەرقتىن غەربكە بولغان ئۇزۇنلۇقى 200 كىلومېتر، شىمالدىن جەنۇبقا كەڭلىكى 1500 كىلومېتر كېلىدۇ. يەر مەيدانى 2 مىليون 262 كۋادرات كىلومېتر، ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى 1598 مېتر، ئەڭ چوڭقۇر جايى 4773 مېترغا يېتىدۇ. ئۇنىڭ غەربىدە ئانادىرون، كاراگىن، شەرقىدە نورتون، برىستول قولتۇقلىرى بار. دېڭىزدىكى چوڭراق ئاراللاردىن مۇقەددەس لاۋرېنتىيە، پىرىپلوۋا، نونىۋاك(يۇقىرىقى ئۈچ ئارال ئا ق ش غا قارايدۇ) ئاراللىرى بار. بۇ دېڭىزغا قۇيۇلىدىغان چوڭراق دەرياللاردىن يوكون، ئانادېر دەريالىرى بار.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏