چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش
توكيو ياپونىيە پايتەختى توكيو كانتو تۈزلەڭلىكىنىڭ جەنۇبىي ئۇچىغا جايلاشقان بولۇپ، شەرقىي جەنۇب تەرىپى توكيو قولتۇقىغا تۇتىشىدۇ.
نامى :توكيو
خەنزۇچە نامى :东京
دۆلىتى :ياپونىيە
مەمۇرىي رايون شەكلى :پايتەخت
تەۋە رايون :ياپۇنىيە خونسيو ئارىلى كانتون رايونى
كىلىماتى :سۇبتروپىك بەلباغ دېڭىز ئوكيان خاراكتېرلىك پەسىللىك كىلىماتى
باشقا نامى :江户,千代田
15پارچەتوكيوياپونىيە پايتەختى توكيو كانتو تۈزلەڭلىكىنىڭ جەنۇبىي ئۇچىغا جايلاشقان بولۇپ، شەرقىي جەنۇب تەرىپى توكيو قولتۇقىغا تۇتىشىدۇ. سىمىدا، ئارا-گاۋا قاتارلىق دەريالار ئۇنىڭ يېقىن ئەتراپىدىلا دېڭىزغا قۇيۇلىدۇ، ئۇنىڭ قەدىمكى نامى «ئېدو» . ئېدو شەھىرى1457-يىلى قۇرۇلغان، 1868-يىلى(مېيجىنىڭ1-يىلى) ياپونىيە پايتەختىنى غەربىي قىسىمدىكى كىيوتودىن بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ كەلگەن ھەم ئېدو دېگەن نامنى تەدرىجىي توكيوغا ئۆزگەرتكەن. 1943-يىلى مەمۇرىي باشقۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، توكيونى − توكيو-توغا ئۆزگەرتكەن. ياپونىيىنىڭ مەمۇرىي جەھەتتىكى «تو» سى مەملىكىتىمىزنىڭ بىۋاسىتە قاراشلىق شەھىرىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. توكيو-تونىڭ ئومۇمىي كۆلىمى2100 كۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، ھازىرقى نوپۇسى11 مىليوندىن ئارتۇق، بۇنىڭ ئىچىدە شەھەر رايونىنىڭ نوپۇسى8 مىليوندىن ئاشىدۇ. توكيو قولتۇقىنى بويلاپ توكيودىن يوكوخاماغا قاراپ سوزۇلغان بەلۋاغ ياپونىيىنىڭ ئەڭ چوڭ سانائەت رايونى − توكيو-يوكوخاما سانائەت رايونىدۇر؛ توكيودىن شەرققە قاراپ چىبا ناھىيىسىگىچە سوزۇلغان بەلۋاغ توكيو-چىبا سانائەت رايونىدۇر.
ئىسىم تاللاش قوللانمىسى