چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش كود بەلگىلىك قانۇنىيەت بىلەن تۈزۈلگەن بولىدۇ. دائىم ئىشلىتىلىدىغان پوچتا نومۇرى بىر خىل كودتۇر.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :كود

خەنزۇچە نامى :

 قىسقىچە تونۇشتۇرۇش 

6پارچەكودكود بىلەن شىفىرنىڭ ھەر ئىككىلىسى ۋاكالەتلىك قىلىدىغان نومۇر ياكى بەلگە بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ رولى ئوخشاشمايدۇ. كود بەلگىلىك قانۇنىيەت بىلەن تۈزۈلگەن بولىدۇ. دائىم ئىشلىتىلىدىغان پوچتا نومۇرى بىر خىل كودتۇر، ئۇ ئالتە خانىلىق رەقەم ئارقىلىق بەلگىلىك بىر رايوننى ئىپادىلەيدۇ، مەسىلەن، 200052 شاڭخەي شاھىرى چاڭنىڭ رايونىنى بىلدۈرىدۇ؛ تېلېگرامما سالغاندا ئىشلىتىلىدىغان مورس تېلېگرامما نومۇرىمۇ بىر خىل كود بولۇپ، ئۇ چېكىت ۋە سىزىقلارنى ھەر خىل بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق ھەرپنى ئىپادىلەيدۇ ھەمدە ئوخشاشمىغان تاق سۆزلەرنى ھاسىل قىلىدۇ، مەسىلەن، «. » A ھەرپىنى، «» O ھەرپىنى، «. . . » S ھەرپىنى، «. . . . . . » SOS (قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلىش سىگنالى) نى بىلدۈرىدۇ. تاياق كود مەخسۇس كومپيۇتېر ئوقۇيدىغان كود بولۇپ، ئۇ بىر گۇرۇپپا ئاق-قارا، كەڭ-تار تاياقسىمان بەلگىلەردىن پايدىلىنىپ تاۋارغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى، مەسىلەن، تاۋار ئىسمى، تاۋارنى ئىشلەپ چىقارغان دۆلەت ياكى رايون، ئىشلەپ چىقارغۇچى زاۋۇت قاتارلىقلارنى ئىپادىلەيدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏