چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش لېنىۋېتس ئەڭ ھورۇن ھايۋاندۇر. ئۇ جەنۇبىي ئافرىقا قىتئەسىدىكى ئىسسىق بەلۋاغ يامغۇرلۇق ئورمانلىقىدا ياشايدۇ، بەدىنىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى مۇشۈكنىڭكىچىلىك كېلىدۇ، يۈزى مايمۇننىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ھەرىكىتى ئىنتايىن ئاستا، ھەر بىر مىنۇتتا ئاران ئون مېتىرچە ئارىلىققا يۆتكىلىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :لېنىۋېتس

ئېنگىلىزچە ئىسمى :Bradypodidae

خەنزۇچە ئىسمى :树懒

تەۋەلىكى :ھايۋانات دۇنياسى

تىپى :خوردىلىق ھايۋانلار تىپى

سىنىپى :ئېمىتكۈچىلەر سىنىپى

تۈركۈمى :تونۈنىسىمان تۈكلۈك ئەترىتى

ئائىلىسى :ئىككى بارماقلىق لېنىۋېتىس ئائىلىسى

ئۇرۇقداشلىرى :لېنىۋېتىس ئۇرۇقدىشى ، ئىككىنچى بارماقلىق لېنىۋېتىس ئۇرۇقدىشى

تۈرى :ئالتە خىل

تۈرى ۋە تىپى 

8پارچەلېنىۋېتس    لېنىۋېتىس ئائىلىسى ( <Bradypodidae> )  ئۈچ بارماقلىق لېنىۋېتىس ۋە ئىككى بارماقلىق لېنىۋېتىس دەپ ئىككى ئۇرۇقدىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.ئۇرۇقداشلىق ۋە تەۋە تۈرگە ئايرىش سەۋەبىدىن جەمئىي ئالتە خىل تۈرى بار. 

    لېنىۋېتىس ئاساسلىق  ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا ئىسسىق بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمانلىقلىرىغا تارقالغان. ئۈچ بارماقلىق لېنىۋېتىسنىڭ قولىنىڭ ۋە پۇتىنىڭ ئوخشاشلا ئۈچ بارمىقى بار،  ئىككى بارماقلىق لېنىۋېتىسنىڭ ئارقا پۇتىنىڭ ئۈچ بارمىقى،ئالدى قولىنىڭ ئىككى بارمىقى بار. ھەر ئىككى تۈرنىڭ بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ سانى ئوخشاش بولمايدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ بارماقلىق لېنىۋېتىسنىڭ بويۇن ئۇمرۇتقىسى 9دانە بولۇپ باشقا سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار تۈرى ئىچىدە ئەڭ كۆپ،  ئىككى بارمىقى لېنىۋېتىسنىڭ بويۇن ئۇمرۇتقىسى كۆپ ساندىكى سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارغا ئوخشاش 7دانە.

    ئۈچ بارماقلىق لېنىۋېتىس ۋە ئىككى بارماقلىق  لېنىۋېتىسنىڭ بەدەن قۇرۇلمىسى جەھەتتىكى پەرقى بىر قەدەر چوڭ بولغانلىقتىن كىشىلەر ئۇلارنى ئىككى ئۇرۇققا بۆلگەن. بۇنىڭدا ھەقىقى لېنىۋېتىس ئائىلىسىدە پەقەت ئۈچ بارماقلىق لېنىۋېتىسلا قالغان، ئىككى بارماقلىق لېنىۋېتىس ،ئاللىقاچان نەسلى قۇرۇپ كەتكەن چوڭ مېگاتېرلارتۈرىدىكى ھايۋانلار ۋە مېگاتېرلار بىلەن تۇققاندارچىلىقى يىقىن بولغانلىقتىن،ھازىرقى قۇرۇقلۇق مېگاتېرلار ئائىلىسىگە تەۋە بولۇپ كەتكەن.شۇڭا ئۈچ بارماقلىق لېنىۋېتىس ئۆز ئالدىغا بىر چوڭ ئۇرۇق ھىسابلىنىدۇ .  مېگاتېرلار ۋە مېگاتېر تىپىدىكى باشقا جانلىقلار بىرلىشىپ مېگاتېرلار چوڭ ئۇرۇقىنى ھاسىل قىلىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏