چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش بالىلاردىكى قىزىل كېسەللىكى قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىرىدە كۆپرەك تارقىلىدىغان، ئەسۋە چىقىش بىلەن ئىپادىلىندىغان ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەللىك.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

غەرب تېبابىتى نامى :قىزىل كېسلى

ئاساسلىق ئالامىتى :ئەسۋە چىقىش

جۇڭيى تىبابىتى نامى :قىزىل كېسلى

كېسەللىك سەۋەبى :خىلىتلار تەڭپۇڭلىقىنىڭ بۇزۇلۇشى

خەنزۇچە نامى :麻疹

كۆپ كۆرۈلىدىغانلار :ئالتە ئايلىقتىن يۇقىرى، بەش ياشتىن تۆۋەن بالىلار

تەۋە بۆلۈم :نەپەس ئىچكى كېسەللەر بۆلۈمى

يۇقۇملىنىشى :ئۆتكۈر يۇقۇملۇق

كېسەللىك ئورنى :پۇتۈن بەدەن

يۇقۇملىنىش يولى :چۈشكۈرۈش، يۆتىلىش، تۈكۈرۈكىنى چاچىرىتىش

قىزىل كېسەللىكى ھەققىدە 

قىزىل

قىزىل كېسلى قىزىل ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئۆتكۈر نەپەس يولى تارقىلىشچان كېسەللىكى بولۇپ، كلىنكىلىق ئالاھىدىلىكى قىزىتىش، يۆتىلىش، ماڭقىسى ئېقىش، كۆز بىرىكتۈرگۈچى پەردىسىگە قان تولۇش، تېرىگە ئەسۋە چىقىشتىن ئىبارەت.

قىزىل ۋىرۇسى ئىسسىققا تۇراقسىز، ئولترا بىنەپشە نۇرغا سەزگۈر بولۇپ، قۇياش نۇرى ۋە ئادەتتىكى دېزىنفېكسىيىلەش دورىلىرى بىلەن دېزىنفېكسىيىلەشكە بولىدۇ. بىمار بىردىنبىر يۇقۇش مەنبەسى بۇلۇپ، يۇشۇرۇن دەۋرنىڭ ئاخىرى ۋە ئەسۋە چىقىپ بەش كۈن ئىچىدە ئوخشاشلا يۇقۇشچانلىققا ئىگە.

بۇ قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىرىدە كۆپرەك تارقىلىدىغان، ئەسۋە چىقىش بىلەن ئىپادىلىندىغان  ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەللىك بۇلۇپ، ھەر قانداق كىشى ئۆمرىدە بىر قېتىم بۇ كېسەل بىلەن ئاغىرىيدۇ. ئادەتتە ئالتە ئايلىقتىن يۇقىرى، بەش ياشتىن تۆۋەن بالىلاردا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏