چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش تۇغما يۈرەك كېسىلى بولسا تۇغما غەيرىيلىكى ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان بىر خىل تۈر، ھەر خىل تۇغما غەيرىيلىك %28 نى ئىگىلەيدۇ، بۇ، تۆرەلمە يېتىلىش باسقۇچىدا بولغاچقا، يۈرەك ۋە چوڭ قان تومۇرلار شەكىللىنىشى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ ياكى يېتىلىش غەيرىي نورمال ئاناتومىيىلىك قۇرۇلمىسىنىڭ شەكىللىنىشىدە نورمالسىزلىق كۆرىلىدۇ. تۇغما يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى ئازايتىش، بۇ يېڭى كۆپەيگەن بوۋاقلاردا %0.4 تىن %1 كىچە كۆرۈلىدىغانلىقى مەلۇم بولدى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :تۇغما يۈرەك كېسىلى

خەنزۇچە نامى :先天性心脏病

ئىنگلىزچە نامى :congenital heart disease,CHD

تەۋە بۆلۈم :يۈرەك تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى ، بالىلار كېسەللىكلەر بۆلۈمى

يۇقۇملۇق ئەھۋالى :يۇقۇمسىز

كېسەللىك سەۋەبى 

4پارچەيۈرەك كېسلىئادەتتە تۇغۇشتىن ئىلگىرىكى، يەنى، ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى (5 ھەپتىدىن 8 ھەپتىگىچە بولغان مەزگىل) ھامىلىنىڭ يۈرىكىنىڭ يېتىلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم مەزگىل، تۇغما يۈرەك كېسىلىنىڭ كېسەل پەيدا بولۇش سەۋەبى ناھايىتى نۇرغۇن، ئىرسىيەت ئامىلى %8 ئەتراپىدا، بىراق %92 تىن كۆپرەكىنى مۇھىت ئامىلى كەلتۈرۈپ چىقارغان. مەسىلەن، ھامىلىدار ئاياللار ئىشلىتىۋاتقان دورا، ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش، مۇھىت بۇلغىنىشى، نۇر رادىئاتسىيىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ھامىلىنىڭ يۈرىكىنىڭ غەيرىي يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.  بولۇپمۇ ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ئالدىنقى ئۈچ ئاي ئىچىدە سوغان ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشى، بالىنىڭ تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتا بۇلىشىنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى ئاشۇرۋېتىدۇ.

 تۇغما يۈرەك كېسىلى ھامىلە مەزگىلىدە يۈرەك قان تومۇرلىرى نورمالسىز يېتىلىشتىن غەيرىيلىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان، كىچىك بالىلاردا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان يۈرەك كېسىلى. تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنىشىچە، بۇ كېسەل تۇغۇلۇپ بىرىنچى يىلىدا يۈز بېرىش نىسبىتى %0.69ئەتراپىدا بولىدۇ. تۇغما يۈرەك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر تېخى پۈتۈنلەي ئېنىق بولغىنى يوق. ھازىرچە ئىچكى ئامىل ۋە تاشقى ئامىل دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ دەپ قارايدۇ. ئىچكى ئامىل ئاساسلىقى ئىرسىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپمۇ خروموسوزوما(بويالغۇچى تەن) يەنى 21-تروزومىك يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى، 18-تروزومىك يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى قاتارلىقلار؛ تاشقى ئامىلنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئاساسلىقى بالىياتقۇ ئىچىدىكى يۇقۇملىنىش. مەسىلەن: سوغان ۋىرۇسى، تارقىلىشچان قۇلاق ئالدى بېزى ياللۇغى ۋىرۇسى، كوكسساككى ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىش قاتارلىقلار، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ھامىلىدار ئايال كۆپ مىقداردىكى رادىئوئاكتىپ نۇر بىلەن ئۇچرىشىش، مېتابولىزم خاراكتېرلىك كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇش مەسىلەن: دىئابېت كېسىلى قاتارلىقلار، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە بەزىبىر دورىلارنى ئىشلىتىش مەسىلەن: راكقا قارشى دورىلار قاتارلىقلار، بۇ تاشقى ئامىللارنىڭ بولۇپمۇ ھامىلىدارلىقنىڭ ئالدىنقى ئۈچ ئېيىدا ھامىلىگە بولغان تەسىرى ئەڭ چوڭ. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏