چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئۇرۇق پەقەت ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەردىلا بولىدىغان كۆپىيىش ئەزاسىدۇر. ئۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يېڭى ئىندىۋىدلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، ئۆسۈملۈك ھاياتىنىڭ ئەتىسى ئۈچۈن بېشارەت بېرىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :سۈنئىي ئۇرۇق

ئېنگىلىزچە ئىسمى :artificial seed

خەنزۇچە ئىسمى :人工苗种

سۈنئىي ئۇرۇق ھەققىدە 

9پارچەسۈنئىي ئۇرۇقئۇرۇق ئۆسۈملۈكلەرنڭ ئېچىلىش، چاڭلىنىش، ئۇرۇقلىنىشى ئارقىلىق بارلىققا كېلىدىغان نەسىل قالدۇرۇش ۋاستىسى. بىراق، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا ئۇرۇق ھەققىدىكى ئۇقۇم ئىنتايىن كەڭ مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يەنى كېڭەيتىلگەن تەكرار ئىشلەپچىقىرىشقا قالدۇرۇشقا بولىدىغانلىكى ئۆسۈملۈك تېنىنىڭ ھەممىسى ئۇرۇق دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، تاتلىقياڭيۇنىڭ يىلتىزى، ياڭيۇنىڭ تۈگۈنەك غولى، شېكەر قومۇشنىڭ غول بوغۇمى، شال، بۇغداي ۋە كۆممىقوناقلارنىڭ ئۇرۇقى (ئەمەلىيەتتە دېنى) قاتارلىقلار.

سۈنئىي ئۇرۇق يۇقىرىدا ئېيتىلغان بۇ ئۇرۇقلارغا ئوخشاشمايدۇ، ئۇ توقۇلمىلارنى كۆپەيتىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، ئۆسۈملۈكنىڭ غول، يوپۇرماق قاتارلىق ئەزالىرىنى قوزغىتىپ تۆرەلمىسىمان تەنچە ياكى بىخ ھاسىل قىلىپ، سىرتىنى بىر قەۋەت كوللوئىد بىلەن ئوراپ، ئاندىن ئۇنى خۇددى ئۇرۇققا ئوخشاش بىۋاستە تېرىشقا ئىشلىتىشتىن ئىبارەت.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏