چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش جەنۋە شۋېتسارىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان خەلقئارالىق شەھەر.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

نامى :جەنۋە

خەنزۇچە نامى :日内瓦

دۆلىتى :شۋېتسارىيە

مەمۇرىي رايون شەكلى :شەھەر

تەۋە رايون :شۋېتسارىيە

چەتئەلچە نامى :Geneva

جەنۋە شەھىرى ھەققىدە

19پارچەجەنۋە شەھىرىشۋېتسارىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان خەلقئارالىق شەھەر. جەنۋە شەھىرى جەنۋە كۆلىنىڭ غەربى جەنۇبىي قىرغىقىغا، دوناي دەرياسىنىڭ كۆلدىن ئېقىپ چىقىش ئاغزىغا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن، تەبىئىي مەنزىرىسى بەك گۈزەل، ھاۋاسى يېقىملىق بولۇپ، «ساياھەتچىلەرنىڭ ئەڭ غايىلىك جايى» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇجايغا ھەر يىلى چەت ئەللەردىن ساياھەتكە كېلىدىغانلار ئىككى مىليوندىن ئاشىدۇ. شەھەر ئاھالىسى 323 مىڭدىن ئوشۇق بولۇپ، شۋېتسارىيە بويىچە سيورىخ، بازىل شەھەرلىرىدىن قالسا ئۈچىنچى چوڭ شەھەر ھېسابلىنىدۇ. جەنۋە شەھىرىنىڭ قۇرۇلۇشى بەك رەتلىك ھەم چىرايلىق بولۇپ، تاغ شەھىرىگە بىر خىل يېڭى ھۆسن كىرگۈزۈپ تۇرىدۇ. جەنۋە قەدىمىي شەھەرلەرنىڭ بىرى. مىلادىدىن بۇرۇنقى بىرىنچى ئەسىردە ئاساس سېلىنغان، 1815-يىلى شۋېيتسارىيە بىرلەشمىسىگە قوشۇلغان. 1945-يىلى شەھەرنىڭ دائىرىسى كېڭىيىپ ھازىرقى ئاساس بارلىققا كەلگەن. جەنۋە شۋېيتسارىيە بويىچىلا ئەمەس، دۇنيا بويىچىمۇ ئاتاقلىق پۇل مۇئامىلە، مەدەنيەت ۋە سانائەت مەركىزى. شەھەردە نۇرغۇنلىغان ھەرخىل تىپتىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، ئاتاقلىق ئەدەبىي سەنئەت ئورۇنلىرى، نۇرغۇنلىغان زامانىۋى مېھمانخانىلار، مۇزېيخانىلار، چېركاۋلار بار. بۇ جايدا قۇرۇلغان تەرجىمانلارنى تەربىيىلەش شۆيۈەنىدە 26 خىل تىلدا دەرس ئۆتۈلىدۇ، بۇ مەكتەپ خەلقئارا تەشكىلاتلار، خەلقئارا يىغىنلار ئۈچۈن تەرجىمان تەربىيلەيدۇ. جەنۋە مۇھىم خەلقئارالىق شەھەر. بۇ جايدا ب. د. ت نىڭ مۇھىم خەلقئارا يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ شەھەردە يەنە خەلقئارا قىزىل كرېست جەمئىيىتى، ب. د. ت نىڭ ياۋروپا ئىش باشقۇرۇش ئورنى، ياۋروپا ئاتوم ئېنېرگىيە مەركىزى، خەلقئارا تېلېگراف بىرلەشمىسى، خەلقئارا مېترولوگىيە تەشكىلاتى قاتارلىق 100 دىن ئوشۇق تەشكىلات بار. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏