چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش سازاڭسىمان مەددە قۇرت كېسىلى بولسا سازاڭ مەددە پارازىت قۇرتىنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى كىچىك ئۈچەيدە پەيدا قىلغان كېسەللىكى بولۇپ، بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان پارازىت قۇرت كېسىلىنىڭ بىرى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

غەرب تېبابىتى نامى :سازاڭسىمان مەددە قۇرت كېسىلى

ئاساسلىق ئالامىتى :چىشلىرىنى كاراسلىتىپ ئۇخلاش

جۇڭيى تىبابىتى نامى :قۇرت كېسىلى، ئاسكارىدوز كېسىلى

كېسەللىك سەۋەبى :تازلىققا دىققەت قىلماسلىق

خەنزۇچە نامى :蛔虫虫病

كۆپ كۆرۈلىدىغانلار :بالىلار

تەۋە بۆلۈم :بالىلار بۆلمى

يۇقۇملىنىشى :يۇقمايدۇ

كېسەللىك ئورنى :ئۈچەي

يۇقۇملىنىش يولى :سازاڭ مەددە قۇرت تۇخۇمى چاڭ-توزاڭنى نەپەس ئارقىلىق سۈمۇرۋىلىشتىن يۇقىدۇ.

چەتئەلچە نامى :Adult ascariasis

كېسەللىك ھەققىدە

سازاڭسىمان مەددە قۇرت كېسىلىبۇ خىل كېسەل بولسا سازاڭ مەددە پارازىت قۇرتىنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى كىچىك ئۈچەيدە پەيدا قىلغان كېسەللىكى بولۇپ، بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان پارازىت قۇرت كېسىلىنىڭ بىرى. يېزىلاردا بۇ خىل كېسەل بىلەن يۇقۇملانغان بالىلار خېلىلا كۆپ. بۇ كېسەلنىڭ ئەسلى يۇقۇملىنىش مەنبەسى سازاڭ مەددە پارازىت قۇرت كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچى بولۇپ، يۇقۇملىنىش يولى ئاساسلىقى مۇشۇ خىل قۇرت بىلەن بۇلغانغان كۆكتات-مېۋىلەرنى يېيىش ئارقىلىق ئېغىز بىلەن، بەزىدە سازاڭ مەددە قۇرت تۇخۇمى چاڭ-توزاڭ ئارقىلىق ھاۋادا ئۇچۇپ يۈرۈپ، نەپەس ئارقىلىق سۈمۈرۈلۈپ كېتىش تۈپەيلىدىن يۇقىدۇ. بالىلار تازىلىقنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمىگەچكە ۋە ياخشى تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرمىگەچكە، دائىم يەردە ئوينايدۇ، شۇنىڭ بىلەن قولغا سازاڭ مەددە قۇرت چاپلىشىپ قالىدۇ. تاماقتىن بۇرۇن قولنى يۇماي تاماق يېسە، سازاڭ مەددە قۇرت تاماق يېيىش ئارقىلىق ئاشقازانغا كىرىپ كېتىدۇ-دە، كېيىن ئۈچەي يولىدا كۆپىيىپ، قۇرت بولۇپ شەكىللىنىدۇ. يېتىلگەن قۇرت ئۈچەي يولىدا تۇرۇپ بەدەندىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارنى سۈمۈرۈۋالىدۇ، بۇ بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئوزۇقلۇق كەم بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەم شۇنداقلا سازاڭ مەددە قۇرت يەنە بەدەندە قالايمىقان تۆشۈكلەرنى پەيدا قىلىپ، قالايمىقان ھەرىكەت قىلىپ، خىلمۇخىل كېسەللىكنى قوزغايدۇ. ھەتتا ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا، سازاڭ مەددە قۇرت كېسىلىگە سەل قارىماسلىق، ياخشى تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، قۇرت بولسا ۋاقتىدا داۋالىتىش كېرەك.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏