چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش
سۇدان دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى ۋە ئەڭ چوڭ شەھىرى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى. بۇ شەھەر كۆك نىل دەرياسىنىڭ سول قىرغىقىغا، كۆك نىل، ئاق نىل دەرياسىنىڭ قوشۇلغان يېرىگە جايلاشقان.
نامى :خارتۇم
خەنزۇچە نامى :喀土穆
دۆلىتى :سۇدان دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى
يەر مەيدانى :22,122 كۋادرات كىلومېتىر
نوپۇسى :210 مىڭدىن ئاشىدۇ (1984)
كىلىماتى :تروپىك بەلباغ قۇملۇق كىلىماتى
مەمۇرىي رايون تۈرى :پايتەخت
چەتئەلچە نامى :Khartoum
12پارچەخارتۇمسۇدان دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى ۋە ئەڭ چوڭ شەھىرى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى. بۇ شەھەر كۆك نىل دەرياسىنىڭ سول قىرغىقىغا، كۆك نىل، ئاق نىل دەرياسىنىڭ قوشۇلغان يېرىگە جايلاشقان. كۆۋرۈك ئارقىلىق كۆك نىل دەرياسىنىڭ ئوڭ ياقىسىدىكى شىمالىي خارتۇم، ئاق نىل دەرياسىنىڭ سول ياقىسىدىكى ئومدورمان قاتارلىقلار بىرلىشىپ چوڭ خارتۇم شەھىرىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئاھالىسى بىر مىليون 210 مىڭدىن ئاشىدۇ (1984) . بۇ شەھەر 1822-يىلى قۇرۇلغان، 1884-يىلىدىن 1885-يىلغىچە بولغان ئەنگلىيىگە قارشى ئۇرۇشتا ۋەيران بولغان. 1894-يىلىدىن باشلاپ قايتىدىن قۇرۇلغان.
ئىسىم تاللاش قوللانمىسى