چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ياز ئاخشاملىرى ئۇياقتىن-بۇياققا ئۇچۇپ ھاشارات تۇتۇپ يەيدىغان غەلىتە بىر خىل ھايۋاننى كۆرۈپ تۇرىمىز. بۇ ھايۋان قۇشقا ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئەمما ئۇ قۇش ئەمەس، بەلكى سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار ئىچىدىكى ئۇچالايدىغان بىردىنبىر كىچىك ھايۋان شەپەرەڭدۇر.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :شەپەرەڭ

خەنزۇچە نامى :蝙蝠

لاتىنچە ئىلمىي نامى :Vespertilio superans Thomas

تەۋەلىكى :ھايۋاناتلار دۇنياسى

تىپى :خوردىلىق ھايۋانلار تىپى

كەنجى تىپى :ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار كەنجى تىپى

سىنىپى :سۈت ئەمگۈچىلەر سىنىپى

كەنجى سىنىپى :ھەقىقىي ھايۋانلار كەنجى سىنىپى

تۈركۈمى :قولقاناتلىقلار ئەترىتى

كەنجى ئەترىتى :چوڭ شەپەرەڭلەر كەنجى ئەترىتى ، كىچىك شەپەرەڭ كەنجى ئەترىتى

ئائىلىسى :19 ئائىلىسى

ئۇرۇقدىشى :185 ئۇرۇقدىشى

تۈرى :962 خىل

تارقالغان رايۇن :پۈتۈن دۇنيا

ئنگىلىزچە نامى :bat

قىسقىچە تونۇشتۇرۇلىشى 

6پارچەشەپەرەڭ شەپەرەڭ بولسا قولقاناتلىقلار ئەترىتىگە تەۋە ھايۋانات، قولقاناتلىقلار ئەترىتىدىكى بۇ سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار ئىچىدە غاجىغۇچىلار ئەترىتىدىن قالسىلا 2 - چوڭ تۈرلەر گۇرۇپپىسىغا كىرىدۇ. بىردىن بىر تەدرىجىي تەرەققىي قىلىش چىقىش ۋە پەرۋاز قىلىش ئىقتىدارىغا

 ئىگە بولغان ئېمىتكۈچى ھايۋانلار، ھازىر جانلىقلار تۈرىدە جەمئىي 19 ئائىلىسى، 185 ئۇرۇقدىشى، 961خىلى بار، قۇتۇپ ۋە ئوكياندا كۆرۈلگەن بەزى ئاراللاردىن باشقا، پۈتۈن دۇنياغا تارقالغان. ئۇ تروپىك بەلۋاغ ۋە سۇبتروپىك بەلۋاغدا ئەڭ كۆپ كۆرىلىدۇ. كۆپ قىسىم شەپەرەڭ ھەممىسى، كۈندۈزى ئارام ئالىدۇ، كېچىدە ئوزۇق تۇتىدۇ. بەزىلەر شەپەرەڭلەرنىڭ ھەممىسى ھاشارات تۇتۇپ يەپ جان كەچۈرىدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، شەپەرەڭلەرنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، تۈرلۈك شەپەرەڭلەرنىڭ ئوزۇقلىنىش ئادىتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.

شەپەرەڭ جەمئىي 900 خىلدىن كۆپ، كۆپ ساندىكىلىرى ھاشارات يەتدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏