چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش مىكروسوفىت شىركىتى ئامېرىكىدىكى دۆلەت ئاتلىغان، پاي چېكى بازارغا سېلىنغان پەن-تېخنىكا شىركىتى

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :مىكروسوفىت شىركىتى

خەنزۇچە نامى :微软

شىركەت تىپى :پاي چېكى بازارغا سېلىنغان شىركەت

كەسپ تەۋەلىكى :مەشخۇلات سېستىمىسى، ئىشخانا دېتاللىرى، تېلفۇن، تاختا كومپيوتېر، ئويۇن ئويناش ماشىنىسى

باش شىتابى :ئامېرىكا ۋاشىنگىتون شىتاتى رېدموند شەھىرى

قۇرغۇچىسى :بىل گايتىس

قۇرۇلغان ۋاقتى :1975-يىلى

خىزمەتچى سانى :99،000 (2014-يىلى)

توربېكىتى :http://www.microsoft.com/

يىللىق تىجارەت سوممىسى :863مىليارد 330مىليون ئامېرىكا دوللىرى (2015-يىلى)

شىركەت شوئارى :يېڭى ئۈنۈم(New Efficiency)

يۇمشاق دېتال مەھسۇلاتلىرى :Windows,Office,IE,Azure

قاتتىق دېتال مەھسۇلاتلىرى :Surface ,Lumia ,Xbox

قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشى

دۇنيا كومپىيوتېر دېتاللىرىنى ئېچىش ساھەسىدىكى ئاۋانگارت بولۇپ، 1975-يىلى بىلگايتىس ۋە پاۋلو ئەلىن بىرلىشىپ قۇرغان.

شىركەتنىڭ باش شىتابى ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگىتون شىتاتى رېدموند شەھىرىگە جايلاشقان.

 كومپيوتېر دېتاللىرىنى ياساش، تەتقىق قىلىش، ھوقۇق بېرىش، تەمىنلەش قاتارلىق بىر قاتار مۇلازىمەتلەرنى ئاساس قىلىپ كەلگەن شىركەت داڭلىق مەھسۇلاتلىرىدىن Microsoft Windows مەشخۇلات سېستىمىسى ۋە Microsoft Office ئىشخانا دېتاللىرى بار بولۇپ پۈتۈن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كومپيوتېر دېتالى تەمىنلەش شىركىتى. مىكروسوفىت 2013-يىللىق دۇنياۋى 500 كۈچلۈك كارخانا ئىچىدە 110-ئورۇندا تۇرغان، 2014-يىلى 104-ئورۇندا تۇرغان.

مىكروسوفىت (Microsoft) دىگەن سۆز microcomputer ۋە software دىگەن ئىككى سۆزنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان. micro بولسا مىكرو كومپيوتېر دىگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسى،soft بولسا يۇمشاق دېتال دىگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ بۇ نامنى بىل گايتىس ئۆزى قويغان.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏