چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش دۇنيادىكى نەچچە مىڭ خىل ھايۋان ئىچىدە زىراپىنىڭ بويى ھەممىدىن ئېگىز. ئۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز ھايۋان بولۇپلا قالماي، بەلكى دۇنيا بويىچە ئەتىۋارلىق ھايۋانلارنىڭ بىرى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :زىراپە

ئېنگىلىزچە ئىسمى :Giraffe

خەنزۇچە ئىسمى :长颈鹿

تارقالغان رايونلار :ئافرىقا قىتئەسىنىڭ شەرقىي جەنۇبى قىسمى

تەۋەلىكى :ھايۋانلار دۇنياسى

تىپى :خوردىلىق ھايۋانلار تىپى

سىنىپى :سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار سىنىپى

تۈركۈمى :ئاچا تۇياقلىقلار تۈركۇمى

ئائىلىسى :زىراپە ئائىلىسى

ئۇرۇقداشلىرى :زىراپە ئۇرۇقدىشى

تۈرى :زىراپە

لاتىنچە نامى :Giraffa camelopardalis

كدنجى تىپى :ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار كەنجى تىپى

كەنجى سىنىپى :ئەشلىكلەر كەنجى سىنىپى

كەنجى تۈركۇمى :كۆشىگۈچىلەر كەنجى تۈركۇمى

كەنجى تۈرى :توققۇز كەنجى تۈرى

زىراپە  ھەققىدە 

زىراپەزىراپە ئافرىقا قىتئەسىنىڭ شەرقىي جەنۇبى قىسمىدا ياشايدۇ. ئۇلار كەڭ قۇرغاق رايونلاردا توپلىشىپ پائالىيەت قىلىدۇ. ئۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز ھايۋان بولۇپلا قالماي، بەلكى دۇنيا بويىچە ئەتىۋارلىق ھايۋانلارنىڭ بىرى. تىنى بىر قەدەر قىسقا، پۇتلىرى ئۇزۇن ھەم كۈچلۈك،  ئالدى پۇتى ئارقا پۇتىغا قارىغاندا سەل ئۇزۇنراق بولۇپ قۇيرۇقى قىسقا كىچىك كېلىدۇ. قۇيرۇق ئۇچىدا قارا رەڭلىك بىر تۇتام تۈكى بولىدۇ.  تىلى بىر قەدەر ئۇزۇن، ئاساسلىقى چۆپ ۋە يوپۇرماقلارنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ.

يېتىلگەن ئەركەك زىراپىنىڭ ئېگىزلىكى ئادەتتە بەش مېتىردىن ئاشىدۇ. بەزى ئالاھىدە چوڭ ئەركەك زىراپىلەرنىڭ بويى ئالتە مېتىرغا يېتىدۇ.

زىراپىنىڭ بوينى نېمە ئۈچۈن شۇنچىۋالا ئۇزۇن بولىدۇ؟ ئەمەلىيەتتە، زىراپىنىڭ ئۆزگىچە بەدەن شەكلى ئۇلارنىڭ ھاياتلىق رىقابىتى ۋە مۇھىتقا ماسلىشىش كۈرىشىنىڭ نەتىجىسىدۇر.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏