چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى گۆشخور ھايۋانلار، يەنە بىر نامى ئاق ئېنىق، تېرىسىنى ئاق تۈك قاپلىغان بولۇپ تۈكلىرى سۈزۈك ئاق، سېرىق قاتارلىق رەڭگى بار، بەدەن شەكلى زور، ۋەھشىي.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقى

خەنزۇچە نامى :北极熊

لاتىنچە نامى :Ursus maritimus

يەنە بىر خىل نامى :ئاق ئېيىق

تەۋەلىكى :ھايۋاناتلار دۇنياسى

تىپى :خوردىلىق ھايۋانلار تىپى

كەنجى تىپى :ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار كەنجى تىپى

سىنىپى :سۈت ئەمگۈچىلەر سىنىپى

كەنجى سىنىپى :ھەقىقىي ھايۋانلار كەنجى سىنىپى

تۈركۈمى :گۆشخورلار ئەترىتى

كەنجى ئەترىتى :يېرىق پۇتلۇقلار كەنجى ئەترىتى

ئائىلىسى :ئېيىق ئائىلىسى

كەنجى ئائىلىسى :ئېيىق كەنجى ئائىلىسى

ئۇرۇقدىشى :ئېيىق ئۇرۇقدىشى

تۈرى :شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقى

تارقالغان رايۇن :شىمالىي مۇز ئوكيان ئەتراپى

ئېنگىلىزچە نامى :Polar Bear

قىسقىچە تونۇشتۇرۇلىشى 

8پارچەشىمالىي قۇتۇپ ئېيىقىشىمالىي قۇتۇپ ئېيىقى يىل بويى ئاپئاق دۇنيادا ياشايدۇ. سوغۇق تۇرمۇش مۇھىتى ئۇنىڭدا سوغۇققا بەرداشلىق بېرىدىغان ناھايىتى كۈچلۈك ئىقتىدارنى يېتىلدۈرگەن. ئۇنىڭ تۈكلىرى ئاق، قېلىن بولۇپ، مىكروسكوپتا قارىسا ئىنچىكە نەيچىلەرگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. بۇ ئاق تۈكلەرنىڭ ئىسسىقلىق ساقلاش ئىقتىدارى ياخشى بولۇپلا قالماي، بەلكى قۇياش نۇرىنىڭ 95 پىرسەنتىنى ئىسسىقلىققا ئايلاندۇرالايدۇ. ئۇنىڭ بەدىنىدىكى تۈكلەر ئىككى قات بولۇپ، سىرتىدىكى مايلىق بىر قەۋىتى قار-شىۋىرغاننىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، شۇنداقلا سۇ ئۈزگەن چاغدا دېڭىز سۈيىنىڭ بەدىنىگە كىرىپ كېتىشىنىڭمۇ ئالدىنى ئالالايدۇ. ئۇ سوغۇق جاندىن ئۆتكۈدەك دېڭىز سۈيىدە نەچچە يۈز مىڭ مېتىر ئۈزىسىمۇ بەدىنى ھۆل بولمايدۇ. شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقى دېڭىز يىلپىزى بىلەن دېڭىز پىلىنى يېيىشكە بەك ئامراق. ئۇ ئۇزاق مۇددەت دېڭىز يىلپىزى بىلەن دېڭىز پىلىنى ئوزۇقلۇق قىلغاچقا، بەدىنىگە نۇرغۇن ئىسسىقلىق يىغىلىپ، تېرىسى ئاستىدا ناھايىتى قېلىن بىر قەۋەت ماي شەكىللەنگەن. شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقى ئەنە شۇ قېلىن تېرىسىگە ۋە تىمەن بەدىنىگە تاينىپ شىمالىي قۇتۇپتىكى قەھرىتان سوغۇققا گەپ يوق بەرداشلىق بېرەلەيدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏