چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش I3C سىستېما دېگەنلىك، ئاپتوماتلاشقان ھەربىي قوماندانلىق سىستېمىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئۈچ دانە بولسا «قوماندانلىق، تىزگىنلەش، خەۋەرلىشىش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان ئۈچ ئىنگىلىزچە سۆزنىڭ باش ھەرپى، بولسا «ئاخبارات» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان ئىنگىلىزچە سۆزنىڭ باش ھەرپى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :I3C سىستېمىسى

خەنزۇچە نامى :I3C系统

I3C  سىستېمىسى ھەققىدە 

5پارچەI3C سىستېمىسى I3C سىستېما دېگەنلىك، ئاپتوماتلاشقان ھەربىي قوماندانلىق سىستېمىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئۈچ دانە بولسا «قوماندانلىق، تىزگىنلەش، خەۋەرلىشىش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان ئۈچ ئىنگىلىزچە سۆزنىڭ باش ھەرپى، بولسا «ئاخبارات» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان ئىنگىلىزچە سۆزنىڭ باش ھەرپى. شۇڭا، I3C سىستېما ئەمەلىيەتتە كۆلىمى ئىنتايىن كەڭ، ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك بىر خىل قورال سىستېمىسى بولۇپ، ئۇ ھازىرقى زامان ئۇرۇشلىرىدا ناھايىتى مۇھىم بولغان قوماندانلىق، تىزگىنلەش، خەۋەرلىشىش ۋە ئاخباراتتىن ئىبارەت تۆت جەھەتنى بىرلەشتۈرەلەيدۇ ھەم ئەڭ ئۈنۈملۈك ئورۇنلاشتۇرۇلايدۇ. ئەگەر بىر مەيدان ئۇرۇشنى بىر تۈرلۈك غايەت زور قۇرۇلۇشقا ئوخشاتساق، I3C سىستېمىسىنى بۇ قۇرۇلۇشنىڭ باش لايىھىلىگۈچىسى ۋە باش ئىنژېنېرى دېيىشكە بولىدۇ.

ھازىرقى جەمئىيەت ئۇچۇر پارتىلىغان دەۋردە تۇرۇۋاتىدۇ. ماكان، زامان ئۇقۇمىدا زور ئۆزگىرىشلەر بولدى. شۇڭا، زامانىۋى ئۇرۇشنىڭ دائىرىسى ۋە خاراكتېرى جەھەتتىمۇ تېخىمۇ مۇرەككەپ ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىپ، ھەر خىل «قاتتىق» قوراللار ۋە ئادەمنىڭ ھۆكۈمىگىلا تايانغان بىلەن ئىش پۈتمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشتا تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلەشمۇ تەسكە توختايدىغان بولدى. I3C سىستېمىدا ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك كومپىيۇتېر قاتارلىق ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەر بولۇپ، ئۇ سۈنئىي ھەمراھ، رادار قاتارلىق تەكشۈرۈش سىتېمىلىرىدىن نۇرغۇن ئۇچۇرلارنى قوبۇل قىلىپ، ئاندىن نۇرغۇن ئاخباراتلارنى ئىنچىكىلىك بىلەن رەتلەپ ۋە ئايرىپ چىقىدۇ، ئاخىرىدا قوماندانلىق سىستېمىسى ئاخباراتلارنى ئايرىپ چىقىدۇ، ئاخىرىدا قوماندانلىق سىستېمىسى ئاخباراتلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ تەھلىل قىلىپ ۋە ھۆكۈم چىقىرىپ، نىشاننى توغرا تاللايدۇ. قوماندانلىق سىستېمىسىنىڭ بۇيرۇقى يۇقىرى ئۈنۈملۈك خەۋەرلىشىش سىستېمىسى ئارقىلىق جەڭ قىلغۇچى قىسىملارغا يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ، ھەتتا ھەر بىر جەڭچى بىلەنمۇ ئالاقە باغلىيالايدۇ. پۈتكۈل جەريان I3C سىستېمىسىنىڭ تىزگىنلىشىدە تېزلا تاماملىنىپ، جەڭ ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلىدۇ.

I3C سىستېمىسىنى قۇرۇقلۇقتىكى قوماندانلىق مەركىزىگە جايلاشتۇرسىمۇ بولىدۇ، چوڭ تىپتىكى ھەربىي پاراخوتلار ياكى ئالدىن سىگنال بېرىدىغان ئايروپىلانلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا ئارمىيلىرىنىڭ ماسلىشىپ جەڭ قىلىشىغا قوماندانلىق قىلىشقىمۇ بولىدۇ. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏