چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش تۇغۇت بولسا ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئاي كۇنى تۇشۇپ تۇغۇش جەريانى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :تۇغۇت

خەنزۇچە نامى :生育

تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ پسىخىكا كەيپىياتى ھەققىدە 

تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ پسىخىكا كەيپىياتىتۇغۇت بولسا فىزىئولوگىيىلىك جەريان، بىراق تۇغۇتلۇق ئاياللار ئوبيېكتىپ جەھەتتىن قانداقلا بولمىسۇن بىر قېتىملىق غايەت زور فىزىئولوگىيىلىك جەرياننى باشتىن كەچۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى يەنە بىر قېتىملىق ئېغىر روھىي، پسىخىكا ۋە بەدەن ئىقتىدارى جەھەتتىكى تەجرىبىنى باشتىن كەچۈرىدۇ. كۆپلىگەن تۇغۇتلۇق ئاياللار بولۇپمۇ تۇنجى قېتىم تۇغىدىغان ئاياللاردا تۇغۇت ئاغرىقىدىن، قىيىن تۇغۇتتىن، غەلىتە شەكىلدە بولۇپ قېلىشتىن قورقۇشتىن ئىبارەت «ئۈچ جەھەتتە قورقۇش» پسىخىكىسى بولىدۇ. شۇنداقلا تۇغۇت جەريانىدىكى ئەگىشىپ كېلىدىغان ئەندىشە، خاتىرجەمسىزلىك ۋە قورقۇشتىن ئىبارەت ناچار پسىخىكا، روھى پائالىيەت بولىدۇ. بۇ خىل ناچار ئامىللار چوڭ مېڭە پوستلىقىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، بالىياتقۇنىڭ تارىيىشىغا ماسلىشالماي، بالىياتقۇ بوينىنىڭ ئوڭاي كېڭەيمەسلىكى ياكى كېڭىيىشنىڭ چېكىنىشى، تۇغۇت ئۇزىرىشى، ھەتتا قىيىن تۇغۇت ھادىسىسىنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، روھى جەھەتتە بەك جىددىيلىشىپ كەتسە، ھەمىشە بالىياتقۇنىڭ تارىيىش جەريانىدىكى دەم ئېلىشقا پايدىسىز، شۇنداقلا ئشىتىھاغىمۇ پايدىسىز. جىسمانىي جەھەتتىكى خوراشمۇ كۆپ بولۇپ، ئېنېرگىيە يېتەرلىك كىرەلمەي، تۇغۇت ئۇزىراپ كېتىش، قىيىن تۇغۇت ھادىسىسىنى پەيدا قىلىدۇ. تەتقىقات مۇلاھىزىلىرىدە ئىپادىلىنىشىچە، ناچار روھى كەيپىيات ئامىللىرى دائىم تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ تۇغۇت مەزگىلىنىڭ ئۇزىرىشىنى، قىيىن تۇغۇت نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشى، بالىياتقۇنى ئوپېراتسىيە قىلىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، تۇغۇتنىڭ تېز-ئاستىلىقى ۋە تۇغۇتنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇش-بولماسلىقى، تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ روھى، پسىخىكا كەيپىياتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏