چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش رادارغا چۈشمەس (كۆرۈنمەس) ئايروپىلان - ئۇ رادارنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆزىنى قاچۇرالىغاچقا، ئاسمان بوشلۇقىدا «كۆرۈنمەيدۇ (رادارغا چۈشمەيدۇ) ».

رادارغا چۈشمەس ئايروپىلان ھەققىدە 

ئايروپىلاننىڭ مېتالدىن ياسىلىدىغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان. ئۇنىڭ سىرتقى يۈزى ئېلېكترو ماگىنىپ دولقۇننى قايتۇرۇپلا قالماي، بەلكى ئۇنىڭدىكى ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرمۇ ئېلېكترو ماگىنىت دوقۇنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، ئايروپىلان ماتورى شاۋقۇن، يورۇقلۇق چىقىرىدۇ. ئايروپىلاننىڭ سىرتقى قېپى ھاۋا بىلەن سۈركىلىپ ئىسسىقلىق پەيدا قىلىدۇ. 

رادارغا چۈشمەسلىكىنىڭ سەۋەبى 

رادارغا چۈشمەس ئايروپىلانئايروپىلاننى ھاۋا بوشلۇقىدا «كۆرۈنمەس»رادارغا چۈشمەس قىلىش ئۈچۈن، يۇقىرىقى مەسلىلەرنى ھەل قىلماي بولمايدۇ. 

رادارغا چۈشمەس ئايروپىلاننى ئادەتتىكى ئايروپىلانغا سېلىشتۇرغاندا، ئۇنىڭ سىرتقى شەكلى، ياساشتا ئىشلىتىلگەن ماتېرىيالى، سىرتقى قېپىنىڭ سىرى، ماتورى ۋە يېقىلغۇسى قاتارلىقلار ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئۆزگەرتىلگەن. رادارغا چۈشمەس ئايروپىلاننىڭ شەكلى يايپاڭ بولۇپ، ئايروپىلان گەۋدىسى بىلەن ئايروپىلان قانىتىنىڭ ئۇلانغان جايلىرى يۇمىلاق ھالدا سىلىق تۇتاشتۇرۇلغان ھەمدە رادار دولۇنىنى قايتۇرۇش يۈزى زور دەرىجىدە كىچىكلىتىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئايروپىلان گەۋدىسىگە كاربون تالاسى قاتارلىقلاردىن ياسالغان بىرىكمە ماتېرىيال قوللىنىلىپ، ئايروپىلان گەۋدىسىنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى يوشۇرۇش ئىقتىدارغا ئىگە سىر بىلەن ماسلاشتۇرۇلۇپ، رادار دولقۇنىنى كۈچلۈك تۈردە سۈمۈرۈۋالىدۇ-دە، رادار دولقۇنى «شۇ كەتكىنىچە قايتىپ كەلمەيدۇ».

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏