چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش خۇشىمىن شەھىرى ۋيېتنامنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى، ئاتاقلىق سانائەت مەركىزى. سۇ، قۇرۇقلۇق، ھاۋا قاتناش تۈگۈنى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

نامى :خۇشىمىن شەھىرى

خەنزۇچە نامى :胡志明市

دۆلىتى :ۋيېتنام

مەمۇرىي رايون شەكلى :بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك

تەۋە رايون :ۋيېتنام

كىلىماتى :ئىسسىق بەلۋاغ مۇسسۇن كىلىماتى

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

16پارچەخۇشىمىن شەھىرىۋيېتنامنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى، ئاتاقلىق سانائەت مەركىزى. سۇ، قۇرۇقلۇق، ھاۋا قاتناش تۈگۈنى. خوشىمىن شەھىرى مېكوڭ دېلتىسىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى سايگۇن دەرياسىنىڭ ئوڭ ياقىسىغا جايلاشقان. شەھەر بىلەن دېڭىزنىڭ ئارىلىقى 80 كىلومېتردىن ئاشىدۇ. يەر مەيدانى 700 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ ئاھالىسى 3 مىليون 460 مىڭدىن ئاشىدۇ(1981) . خوشىمىن شەھەر رايونى بۇنىڭدىن 300 يىل ئىلگىرى كىچىك بىر كەنت بولۇپ «سايگون» دەپ ئاتالغان. 1946-يىلى 11-ئايدا ۋيېتنام ھۆكۈمىتى شەھەر نامىنى ۋيېتنام خەلقىنىڭ داھىيىسى خۇشىمىننىڭ نامىغا «خۇشمىن شەھىرى» دەپ ئاتاشنى قارار قىلغان. 1976-يىلى 7-ئايدا شىمال بىلەن جەنۇب بىرلەشكەندىن كېيىن خۇشىمىن دېگەن نام رەسمىي قوللىنىلىشقا باشلاندى. خۇشىمىن شەھىرى 18-ئەسىردىن باشلاپلا شەرقىي جەنۇب ئاسىيادىكى مۇھىم پورت ۋە گۈرۈچ بازىرى بولۇپ شەكىللەنگەن. 1932-يىلى بۇرۇنقى سايگۇن بىلەن تىئەن شەھەرلىرى بىرلىشىپ «سايگۇن-تىئەن بىرلەشمە رايونى» بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن يەنە جادىڭ شەھىرى قوشۇلۇپ، سايگۇن-تىئەن-جادىڭ بىرلەشمە رايونى ياكى چوڭ سايگۇن رايونىنىڭ ئاھالىسىنى كۆرسىتىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏