چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش سېسىق كۈزەننىڭ جەمئىي 22 كەنجى تۈر بار، ئاق قارا ئارلاشقان ئۇزۇن تۈكلۈك تېرىسى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئاسانلا تارتىدۇ، ھەر خىل ئورمانلىقلاردا، تۈزلەڭلىك ۋە قۇملۇق رايوندا ياشايدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :سېسىق كۈزەن

ئېنگىلىزچە ئىسمى :Striped Skunk

خەنزۇچە ئىسمى :臭鼬

تارقالغان رايونلار :كانادا، مېكسىكا ۋە ئامېرىكا

تەۋەلىكى :ھايۋاناتلار دۇنياسى

تىپى :خوردىلىق ھايۋانلار تىپى

سىنىپى :سۈت ئەمگۈچىلەر

تۈركۈمى :گۆشخورلار ئەترىتى

ئائىلىسى :ئاغمىخان ئائىلىسىدىكى

ئۇرۇقداشلىرى :سېسىق ئاغمىخان

تۈرى :سېسىق كۈزەن

كەنجى تىپى :ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار كەنجى تىپى

كەنجى سىنىپى :ھەقىقىي ھايۋانلار كەنجى سىنىپى

كەنجى تۈركۈمى :يېرىق پۇتلۇقلار كەنجى ئەترىتى

كەنجى ئائىلىسى :سېسىق كۈزەن كەنجى ئائىلىسى

كەنجى تۈرى :22 خىل كەنجى تۈرى

 قىسقىچە تونۇشتۇرۇلىشى 

7پارچەسېسىق كۈزەنسېسىق نامى پۈركەتكەن بۇ سېسىق كۈزەن ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ يېرىم تاغلىق رايونلىرىدا ياكى ئوتلاقلىقلاردا ياشايدۇ. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 40 سانتىمېتىر كېلىدۇ. پۇتلىرى قىسقا، قۇيرۇقى كەڭ ھەم توم بولۇپ، قارىماققا پىستىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئۇلار كۈندۈزى ئۆڭكۈر ئىچىدە دەم ئېلىپ، قاش قارايغاندا ۋە كېچىدە ھەرىكەت قىلىدۇ. سېسىق كۈزەن ئالاھىدە سېسىق پۇراق قويۇپ بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە. ئامېرىكا سېسىق كۈزەنىنىڭ تۇرقى سەت. ئۇنىڭ كاسىسىنىڭ يېنىدا بىر بەز بولۇپ، ئۇنىڭدىن چىداپ تۇرغۇسىز بىر خىل سېسىق سۇيۇقلۇق چىقىدۇ. ئەگەر بۇ خىل سېسىق سۇيۇقلۇق كۆزگە كىرىپ كەتسە، ئېغىر بولغاندا كۆزنى كۆرمەس قىلىپ قويىدۇ. ئادەم ياكى ھايۋاننىڭ بۇرنىغا تېگىپ كەتسە، پالەچ قىلىپ قويۇش رولىنى ئويناپ، قۇسۇش، ھوشىدىن كېتىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر بۇ خىل سېسىق سۇيۇقلۇق بىر نەرسىگە تېگىپ كەتسە، سېسىق پۇراق ئۇزاققىچە يوقالمايدۇ. شامال يۆنىلىشى بويىچە بولغاندا، بۇ خىل سېسىق پۇراقنى 500 مېتىر نېرىدا تۇرۇپ پۇرىغىلى بولىدۇ. دۈشمەن ھۇجۇم قىلىپ كەلگەندە، سېسىقكۈزەن قۇيرۇقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ تۇرۇپ، قۇيرۇق تەرىپىدىن سېسىق سۇيۇقلۇقنى چاچىدۇ. ئۇ ئىنتايىن سېسىق بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە پالەچ قىلىپ قويۇش رولىنى ئوينايدۇ. دۈشمەنلىرى سېسىق كۈزەن چىقارغان پۇراقنى پۇراپلا قالسا، بۇرنىدىن سۇ ئېقىپ، روھى چۈشۈپ، ئۇنى تۇتقۇدەك ماجالى قالمايدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏