چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش سەنچىڭشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − جياڭشى ئۆلكىسى يۈشيەن، دېشىڭ ناھىيىلىرىنىڭ چېگرىسى ئىچىدە بولۇپ، شىخۇاتەي، سەنچىڭگۇڭ، يۈجىڭفېڭ، سەندۇڭكۇ، تىيۈنلىڭ، يۈلىڭگۇەن، شىگۇلىڭ قاتارلىق يەتتە مەنزىرىلىك رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :سەنچىڭشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى

خەنزۇچە نامى :三清山风景名胜区

چەتئەلچە نامى :The Mount Sanqingshan Scenic Area

جۇغراپىيەلىك ئورنى :جياڭشى ئۆلكىسى شاڭراۋ شەھىرى

كىلىماتى :مۆتىدىل ئىسسىق بەلۋاغ مۇسسۇن كىلىماتى

قاراشلىق شەھەر :جياڭشى ئۆلكىسى شاڭراۋ شەھىرى

دۆلىتى :جۇڭگو

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

13پارچەسەنچىڭشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونىسەنچىڭشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − جياڭشى ئۆلكىسى يۈشيەن، دېشىڭ ناھىيىلىرىنىڭ چېگرىسى ئىچىدە بولۇپ، شىخۇاتەي، سەنچىڭگۇڭ، يۈجىڭفېڭ، سەندۇڭكۇ، تىيۈنلىڭ، يۈلىڭگۇەن، شىگۇلىڭ قاتارلىق يەتتە مەنزىرىلىك رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، كۆلىمى تەخمىنەن220 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاساسلىق چوققا يۈجىڭفېڭ چوققىسى دېڭىز يۈزىدىن1800 نەچچە مېتىر ئېگىز. مەنزىرىلىك رايوندا ئاجايىپ چوققىلار، غەلىتە تاشلار، بۇلاق، شارقىراتما، ئۆڭكۈرلەر، بۇلۇتلار دېڭىزى، قىممەتلىك ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەر، 4-دەۋرلىك مۇزلۇقنىڭ ئىزى قاتارلىقلار بىرىكىپ مول تەبىئىي مەنزىرىلەرنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، «خۇاڭشەن تېغى بىلەن ئاچا-سىڭىل» دەپ نام ئالغان. بۇنىڭ ئىچىدە «جۈماڭ چۇڭشەن» (زور يىلاننىڭ تاغدىن چىقىشى) ، «نۈيشېنفېڭ» (ئايال ئىلاھ چوققىسى) ، «گۇەنيىن تىڭپىپا» (بۇدساتۋانىڭ چارتا) بەرباپ(ئاڭلىشى) قاتارلىقلار ئۈچ چوڭ ئاجايىپ مەنزىرە ھېسابلىنىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏