چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش زەھەرسىز يىلان، ئۇنىڭ ئىسمىدىنلا كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، زەھىرى يوق يىلان. ئۇلارنىڭ بەدىنىدە زەھەرلىك بەز يوق، كۆپ قىسملىرى ھېچقانداق زەھەر پەيدا قىلمايدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :زەھەرسىز يىلان

خەنزۇچە ئىسمى :无毒蛇

تارقالغان رايونلار :دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرى

تەۋەلىكى :ھايۋاناتلار دۇنياسى

تىپى :ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار تىپى

سىنىپى :يەر بېغىرلىغۇچىلار سىنىپى

تۈركۈمى :تەڭگىچىلىكلەر ئەترىتى

كەنجى تىپى :خوردىلىق ھايۋانلار كەنجى تىپى

كەنجى سىنىپى :قوش يوچۇق كەنجى سىنىپى

كەنجى تۈركۈمى :يىلانلار كەنجى ئەترىتى

زەھەرسىز يىلان ھەققىدە 

10پارچەزەھەرسىز يىلانلارزەھەرسىز يىلان، ئۇنىڭ ئىسمىدىنلا كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، زەھىرى يوق يىلان. ئۇلارنىڭ بەدىنىدە زەھەرلىك بەز يوق، كۆپ قىسملىرى ھېچقانداق زەھەر پەيدا قىلمايدۇ. « دۆلەت جۇغراپىيىسى » ژورنىلى ستاتىستىكىغا ئاساسەن، ئىنسانلارغا مەلۇم بولغان يىلان 2500 خىلدىن ئارتۇق، بۇنىڭ ئىچىدە 1500خىلىنىڭ زەھىرى يوق، زەھەرسەز يىلان بولسا بۈگۈنگە قەدەر دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يىلان تۈرىدىكى يىلانلار توپى بۇلۇپ، كۆپ ساندىكى زەھەرسىز يىلانلارنىڭ ئۇزۇنلۇقى 50 سانتىمىتىردىن 200 سانتېمىتىر ئەتراپىدا، ھەم دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئورمانلىقلارغا تارقالغان. بۇ يىلانلارنىڭ شەكىللىرى، رەڭ ۋە ئىزلىرى جەھەتتە بىر بىرىگە ئوخشىمايدىغان، بۇ ئاساسەن ئۇلار باغلىق بولغان تۇرمۇش ئادىتى ۋە چۈشۈرۈلىدۇ. زەھەرسىز يىلاننىڭ مۇستەھكەم بولغان چىشى بار، باش قىسمىنىڭ كۆپ قىسمى سوقىچاق، قۇيرۇق قىسمى تەدرىجىي ئىنچىكىلەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئولجا ئۆلتۈرۈش ئۇسۇلى ئىككى خىل : بىرىنچى، ئولجىنى ئوراش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ئۇنى تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرىدۇ؛ يەنە بىرسى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇشتىن كېيىن يۇتۇش.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏