چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش شىچياۋشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى نەنخەي ناھىيىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا، كۆلىمى14 كۋادرات كىلومېتىر.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :شىچياۋشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى

خەنزۇچە نامى :西樵山风景名胜区

جۇغراپىيەلىك ئورنى :گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى فوشەن شەھىرى

مەنزىرە نۇقتا دەرىجىسى :AAAAA دەرىجىلىك

تەۋە دۆلەت :جۇڭگو

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

3پارچەشىچياۋشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونىشىچياۋشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى نەنخەي ناھىيىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا، كۆلىمى14 كۋادرات كىلومېتىر. شىجياۋشەن تېغى70-80 مىليون يىللار ئىلگىرى دېڭىز تېگى يانار تېغىنىڭ پارتلىشىدىن ھاسىل بولغان ئۆلۈك يانار تاغ بولۇپ، تاغنىڭ سىرت تەرىپى يانتۇ، ئىچ تەرىپى تۈز، نېلۇپەرسىمان شەكىلگە ئىگە، داپىڭفېڭ چوققىسى چوققىلارنىڭ ئالدى، جيۇلۇڭيەن، دۇڭگۇشى، شيەنشى قاتارلىق چوققىلارنىڭ شەكلى خىلمۇخىل. شىچياۋشەن تېغى قىيا تاشلاردىن ھاسىل بولغان بولۇپ، قىيا تاشلاردا ئۇزۇنىسىغا ۋە توغرىسىغا يېرىقلىرى بار، يەر ئاستى سۈيى مول بولغاچقا، كۆپ جايلاردا سۇ مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈرگەن، 232 بۇلاق كۆزى، 28 شارقىراتما بار.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏