چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئافرىقىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى رايونلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ جەنۇب تەرىپى جەنۇبىي كەڭلىك 12° تىن شىمالىي كەڭلىك 17° قىچە سوزۇلۇپ تۇرىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :شەرقىي ئافرىقا

خەنزۇچە نامى :非洲东部

باشقا نامى :东非

مەمۇرىي رايون تۈرى :ۋىلايەت

جۇغراپىيەلىك ئورنى :ئافرىقا شەرقى قىسمى

كىلىماتى :تروپىك بەلباغ يايلاق كىلىماتى

قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشى

17پارچەشەرقى ئافرىقائافرىقىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى رايونلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ جەنۇب تەرىپى جەنۇبىي كەڭلىك 12° تىن شىمالىي كەڭلىك 17° قىچە سوزۇلۇپ تۇرىدۇ. شەرقىي قىسمىدىكى سومالى يېرىم ئارىلى «ئافرىقىنىڭ تۇمشۇقى» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ رايوننىڭ شىمالىي قىسمى قىزىل دېڭىز ھەم ئادېن قولتۇق سۈيى بىلەن، شەرقىي قىسمى ھىندى ئوكيان سۈيى بىلەن يۇيۇلۇپ تۇرىدۇ. غەربىي تەرىپى ئېپئوپىيە ئېگىزلىكىنىڭ غەربى بىلەن، شەرقى ئافرىقا چوڭ ئۈزۈلمە بەلبېغىغا قەدەر سوزۇلىدۇ. مەيدانى 3 مىليون 700 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ رايوننىڭ ئاساسىي قىسمىنى ئېپئوپىيە ئېگىزلىكى بىلەن شەرقىي ئافرىقا چوڭ ئۈزۈلمىسى ئىگىلەپ تۇرىدۇ، ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى ئافرىقىنىڭ ھەرقانداق رايونىدىن ئېگىز تۇرىدۇ. «ئافرىقىنىڭ ئۆگزىسى» دەپ ئاتالغان ئېپئوپىيە ئېگىز تەكشىلىكى شۇ رايونغا جايلاشقان.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏