چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش بالىلار پسىخىكىسى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ھەربىر بالىنىڭ ئۆزىگە خاس تەپەككۇر شەكلى بولىدۇ. بەزى بالىلاردا كۆپىنچە «ئىندۇكسىيە تەپەككۇرى» «ئوخشاش پىكىر تەپەككۇرى» بولىدۇ. بەزى بالىلاردا «ئوخشاش بولمىغان پىكىر تەپەككۇرى» كۆپرەك بولىدۇ.

بالىلارنىڭ تەپەككۇرى

بالىلارنىڭ تەپەككۇرىبالىلار پسىخىكىسى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ھەربىر بالىنىڭ ئۆزىگە خاس تەپەككۇر شەكلى بولىدۇ. بەزى بالىلاردا كۆپىنچە «ئىندۇكسىيە تەپەككۇرى» «ئوخشاش پىكىر تەپەككۇرى» بولىدۇ. بەزى بالىلاردا «ئوخشاش بولمىغان پىكىر تەپەككۇرى» كۆپرەك بولىدۇ. مۇستەقىل كۆز قارىشى بار ۋە مۇستەقىل ئويلىيالايدىغان بالىلار قارىغۇلارچە باشقىلارنىڭ كەينىدىن ئەگەشمەيدۇ. تەپەككۇرىمۇ جانلىق بولىدۇ. ئۆزىنىڭ پىكىرىنى دادىل ھالدا ئوتتۇرىغا قويالايدۇ. 

بالىلارنىڭ تەپەككۇرى بىر ياشتىن كېيىن پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ. ئۈچ ياشقا كىرىشتىن ئىلگىرىكى تەپەككۇر ئىنسانلارنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى تەپەككۇرى بولۇپ، شەيئىلەرنىڭ بىۋاسىتە سېزىمى ئارقىلىق پەيدا بولغان تەپەككۇرىدىن ئىبارەت.

بالىلارنىڭ تەپەككۇرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش

7پارچەبالىلارنىڭ تەپەككۇرىبالىنىڭ تەپەككۇرىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئالاھىدىلىكىگە زىت ھالدا، ئاتا-ئانىلار بولۇپمۇ بالىلارنىڭ ئۆزىدە شەكىللەنگەن مۇستەقىل تەپەككۇرىگە دىققەت قىلىپ، بالىنىڭ ئوخشاش بولمىغان پىكىر تەپەككۇرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.

1. دېموكراتىك ئائىلە كەيپىياتى بەرپا قىلىش، ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ پىكرىنى سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلاپ، بالىلارنىڭ گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا ئىلھاملاندۇرۇپ، بالىنىڭ مەلۇم بىر مەسىلە ئۈستىدە «تالاش-تارتىش قىلىش» غا رۇخسەت قىلىپ، بالىلارنىڭ بەھۇزۇر سۆزلىشىش ۋە سىناپ بېقىشىغا پۇرسەت بېرىش كېرەك. بۇ خىل دېموكراتىك، باراۋەرلىك بار ئائىلە كەيپىياتى ئىچىدە چوڭ بولغان بالىلاردا ئاندىن مۇستەقىل تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلى بولىدۇ.

2. بالىنىڭ ئەمەلگە ئاشمايدىغان قۇرۇق خىياللىرىنى قوللاش. مۇستەقىل تەپەككۇر بىلەن مول بولغان تەسەۋۋۇر قىلىش كۈچى ئايرىلمايدۇ. بەزى بالىلار دائىم ئالاھىدە ئۇسۇل ۋە خىيالنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، ئاتا-ئانىلار بۇنداق ۋاقىتتا ئەقىلگە سىغمايدىغان ئىش دەپ قاراپ، دەرھال ئىنكار قىلىۋەتمەسلىك، بەلكى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ بۇ خىل تەپەككۇرىنى تېخىمۇ قانات يايدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش. ئاتا-ئانىنىڭ ھۇزۇرلىنىش پوزىتسىيىسى بالىنىڭ ئوخشاش بولمىغان تەپەككۇرىنى غىدىقلىغۇچى ئۈنۈملۈك دورا بولۇپ، بالا بۇنىڭدىن ئىلھاملىنىپ، دادىللىق بىلەن ئۆز پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويالايدۇ. ئاندىن باشقىلاردا بولمىغان پىكىرلەردە بولالايدۇ.

3. بالىنىڭ باشقىلار بىلەن ئوخشاش بولماسلىقىغا ئىلھام بېرىش. ئاتا-ئانىلار بالىنى قانداق ئىش قىلغاندا چوڭلارنىڭ دېگىنى بويىچە قىلىدۇ. چوڭلار بالىلارغا ياخشى بولسۇن دەيدۇ دەپ ئويلىماسلىقى كېرەك. بىز دائىم ئاتا-ئانىلارنىڭ: «سەن xxxx گە ئوخشاش بولۇشۇڭ كېرەك» «مەن نېمە قىلىۋاتىمەن، سەن نېمە قىلىۋاتىسەن» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلايمىز. بۇنداق بالىلاردىن قانداقتۇر بىر ئىجادچانلىقنى تاپقىلى بولمايدۇ. ئاتا-ئانىلار دائىم «سېنىڭ ئامالىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئوخشىمايدۇ» «سېنىڭ قانداق ياخشى ئامالىڭ بار؟ » دېگەندەك سۆزلەر ئارقىلىق بالىنى ئىلھاملاندۇرۇپ، بالىلاردا «باشقىلارغا ئەگىشىپ ماڭماسلىق» ئىدىيىسى تۇرغۇزۇشى كېرەك.

4. بالىنىڭ «ئوخشاش بولمىغان تەپەككۇرى» نى مەشىق قىلدۇرۇش كېرەك، تۇرمۇشتا، ئاتا-ئانىلار دائىم بالىلارغا بىر قىسىم سوئاللارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بالىنى ئوخشاشمىغان نۇقتىنى نەزەردە تۇرۇپ تەپەككۇر قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك. مەسىلەن: گېزىتنى نېمىگە ئىشلىتىدۇ؟ خېتىنى نېمىگە ئىشلىتىدۇ؟ دېگەندەك سوئاللار بالىنىڭ تەپەككۇر جەريانىغا ناھايىتى پايدىلىق.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏