چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش دوغاپ __ ئەمگەكچان، باتۇر، ئەقىل-پاراسەتلىك خەلقىمىز پىژغىرىم ئىسسىقتا تەشنالىقىنى، ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرىدىغان، تەنگە راھەت، جانغا ھۇزۇر بېغىشلايدىغان تەبىئىي ئىچىملىكلەرنى ئىختىرا قىلغان. دوغاپ ئەنە شۇ ئىچىملىكلەر خەزىنىسىنىڭ گۈلتاجىسى سۈپىتىدە ئۇزاق زامانلاردىن بېرى خەلقىمىزنىڭ ياقتۇرۇپ ئىچىشىگە سازاۋەر بولۇپ كېلىۋاتقان بەلگىلىك مىقداردىكى مۇز بىلەن قېتىقنى ئارىلاشتۇرۇپ سۇدا ئېرىتىپ تەييارلىنىدىغان تەبىئىي ئىچىملىكلەرنىڭ بىرى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :دوغاپ

خەنزۇچە نامى :刨冰

دوغاپچىلىق ھەققىدە 

دوغاپچىلىق خەلقىمىزنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا خېلى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان كەسىپلەرنىڭ بىرى. مەركىزىي شەھەرلەردىن تارتىپ يېزا – قىشلاقلارغىچە دوغاپچىلىق قىلىۋاتقانلارنى، دوغاپ ئىچىۋاتقانلارنى ئۇچرىتىش مۇمكىن. دوغاپنىڭ ئىختىرا قىلىنىشى مېۋە-چېۋە، كۆكتات، گۆش شۇنىڭدەك تۈرلۈك يېمەكلىكلەرنى سوغۇق ساقلاش ئامبىرى بولغان مۇزخانىنىڭ ئىختىرا قىلىنىشى ۋە ئۇنى ئىشلىتىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏