چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش لى ليەنجيې جۇڭگونىڭ خەلقئاراغا داڭلىق كىنو ئارتىسى، ھەرىكەتلىك فىلىم چولپىنى، جامبازلىق ئۇستازى، خەير–ساخاۋەتچى، ‹‹بىر يۈەن فوندى››نىڭ باشلامچىسى، خەلقئارا چامباشچىلار بىرلەشمىسى جۇڭگو چامباشچىلىق جەمئىيىتىنىڭ ئوبراز ئەلچىسى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئىسمى :لى ليەنجيې

خەنزۇچە نامى :李连杰

باشقا نامى :Jet Li

دۆلەت تەۋەلىكى :سىنگاپور

مىللىتى :خەنزۇ

تۇغۇلغان ۋاقتى :1963-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى

تۇغۇلغان جايى :بېيجىڭ

پۈتتۈرگەن مەكتىپى :بېيجىڭ شىشاخەي تەنتەربىيە مەكتىپى

شەخىسلەر ئانكىتى

 ئۇ 1963–يىلى 4–ئاينىڭ 26–كۈنى بېيجىڭ دا بىر ئادەتتىكى ئىشچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ ئىككى ياشقا كىرگەندە دادىسى ئالەمدىن ئۆتۈپ، ئانىسى ئۆزى بەش بالىنى ۋە ياشانغان ئاتا–ئانىسىنى بېقىپ، تۇرمۇشنىڭ ئېغىر يۈكىنى زىممىسىگە مەجبۇر بولىدۇ. ئاتاقلىق گۇمپا ئۇستازى، خەلقئارالىق كاتتا چولپان لى ليەنجيې باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2–يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان تەتىل مەزگىلىدە، ئۆزىدىكى تەبىئىي تالانتىغا تايىنىپ، مەكتەپنىڭ چامباشچىلىق تەربىيەلەش سىنىپىدا تەربىيەلەنگەن. 1971–يىلى ئۇ بېيجىڭ چامباشچىلىق ئەترىتىنىڭ مەشقاۋۇلى ۋۇ ۋۇنىڭ يېتەكلىشى بىلەن چامباشچىلىق ھاياتىنى باشلايدۇ. بىر مەزگىللىك جاپالىق مەشىقتىن كېيىن، مەشىق بارغانچە جاپالىق تۇيۇلۇشقا باشلىغان. ئۈچ ئايدىن كېيىن بىر قىسىم بالىلار مەشىقتىن چېكىنىپ، 20 بالىنىڭ ئىچىدە تۆتەيلەنلا مەشىقنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرالىغان. بىر يىلدىن كېيىن ئەمدىلا توققۇز ياشقا كىرگەن لى ليەنجيې ھاياتىدىكى تۇنجى قېتىملىق چامباشچىلىق مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلغان. ئەمەلىيەتتە بۇ ‹‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى››دىن بۇيانقى ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى قېتىملىق مەملىكەت دەرىجىلىك چامباشچىلىق مۇسابىقىسى ئىدى. بۇ مۇسابىقىنى ھۆكۈمەت تەرەپ ئۇيۇشتۇرمىغاننىڭ ئۈستىگە ھېچقانداق مۇكاپات بۇيۇمىمۇ يوق ئىدى.  بىردىنبىر مۇكاپات پەقەت ‹‹غەلىبە قىلغۇچى›› دېگەن قۇرۇق نامدىنلا نامدىنلا ئىبارەت ئىدى. ئەمما بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغانلار مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن چامباشچىلىق ماھىرلىرى ئىدى. مۇسابىقە شەندوڭنىڭ جىنەن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ لى ليەنجيېنىڭ تۇنجى قېتىم ئۆيىدىن ئايرىلىشى، شۇنداقلا ھاياتىدا تۇنجى قېتىم بېيجىڭدىن ئايرىلىشى ئىدى. شەندوڭغا ماڭىدىغان كۈنى ئەتىگەندە ئۇنىڭ ئاپىسى يىغلاپ تۇرۇپ بارماسلىقنى ئۆتۈنىدۇ. لېكىن ئۇ يەنىلا جىنەنگە بېرىپ مۇسابىقىگە قاتنىشىپ چېمپيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈرىدۇ. شۇ يىلى ئۇ ئەمدىلا توققۇز ياشتا ئىدى.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏