چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئۆردەكتۇمشۇق سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارغىمۇ، ئۆمىلگۈچى ھايۋانلارغىمۇ، قۇشلارغىمۇ ئوخشاشمايدىغان ھازىرقى ھايۋانلار ئىچىدىكى ئەڭ ئىپتىدائىي سۈت ئەمگۈچى ھايۋان. ئۇ قۇشلار بىلەن سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆتكۈنچى ھايۋان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :ئۆردەكتۇمشۇق

ئېنگىلىزچە ئىسمى :Platypus duckbill,Duckmole

خەنزۇچە ئىسمى :鸭嘴兽

تارقالغان رايونلار :ئاۋسترالىيەنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى يورىك بۇلۇڭىدىن جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ئارىلىقلىرى، تاسمانىيە ئارىلى

تەۋەلىكى :ھايۋانلار دۇنياسى

تىپى :خوردىلىق ھايۋانلار تىپى

سىنىپى :سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار سىنىپى

تۈركۈمى :بىر تۆشۈكلەر تۈركۈمى

ئائىلىسى :ئۆردەكتۇمشۇق ئائىلىسى

ئۇرۇقداشلىرى :ئۆردەكتۇمشۇق ئۇرۇقدىشى

تۈرى :ئۆردەكتۇمشۇق

لاتىنچە نامى :Ornithorhynchus anatinus

باشقا نامى :ئۆردەك سۇغۇر

كەنجى تىپى :ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار كەنجى تىپى

كەنجى سىنىپى :ئىپتىدائىي ئېمىتكۈچىلەر كەنجى سىنىپى

سىرتقى شەكلى

5پارچەئۆردەكتۇمشۇق ئۆردەكتۇمشۇقنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى توشقاندىن كۆپ پەرقلەنمەيدۇ، بەدىنى ئورۇق ھەم ياپىلاق، قۇيرۇقى قىسقا ھەم كەڭ، تۇمشۇقى ئۆردەكنىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ، تۆت پۇتىدا ئۈزۈش پالاقچىسى بولۇپ، سۇ ئۈزۈشكە تولىمۇ ماس كېلىدۇ. تۈكلىرى ئىنچىكە ھەم زىچ، قېنىق قوڭۇر، توخۇم تۇغۇپ كۆپىيىدۇ، چىشىسىنىڭ ئەمچەك توپچىسى بولمايدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏