چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش
دانىيە پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى. شىمالىي ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ شەھەرلەرنىڭ بىرى.
نامى :كوپېنھاگېن
خەنزۇچە نامى :哥本哈根
دۆلىتى :دانىيە پادىشاھلىقى
يەر مەيدانى :97 كۋادرات كىلومېتىر
نوپۇسى :67.2 تۈمەن
چەتئەلچە نامى :Copenhagen
مەمۇرىي رايون تۈرى :پايتەخت
دىئالېكتى :دانىيە تىلى
ئىقلىمى :مۆتىدىل بەلۋاغ دېڭىز - ئوكيان ئىقلىمى
11پارچەكوپېنھاگېندانىيە پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى. شىمالىي ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ شەھەرلەرنىڭ بىرى. ئۇ دانىيىنىڭ ئەڭ مۇھىم قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا قاتناش تۈەۈنى، دانىيىنىڭ ئەڭ چوڭ سودا پورتى. پورتتا يىلىغا توختاپ ئۆتىدىغان پاراخوتلار 35 مىڭدىن ئاشىدۇ، دانىيىنىڭ سىرتقى دۆلەتلەر ئارا بولىدىغان سودىسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى شۇ پورت ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. كوپېنھاگېن شەھىرى دانىيىنىڭ زېلاند ئارىلىنىڭ شەرقىي دېڭىز ياقىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ئېرى بوغۇزى ئارقىلىق شۋېتسىيىنىڭ مالمې شەھىرى بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ. كوپېنھاگېن شەھىرىنىڭ ئورنى ناھايىتى مۇھىم بولغانلىقتىن، 11-ئەسىردىكى كىچىك بىر بېلىقچى يېزىسى 15-ئەسىرگىچە تېز تەرەققىي قىلىپ، دانىيە پادىشاھلىقىنىڭ مەركىزىگە ئايلانغان. ھازىر ئۇنىڭ ئاھالىسى بىر مىليون 372 مىڭدىن ئاشىدۇ(1984) . بۇ شەھەرنىڭ ئاھالىسى پۈتۈن دانىيە ئاھالىسىنىڭ 1/4 قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ.
ئىسىم تاللاش قوللانمىسى