چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئۆزى يۈرەر زەمبىرەك − تۈرلۈك ئاپتوموبىللارنىڭ تەگلىكىگە ئورنىتىلغان، سىرتقى كۈچنىڭ سۆرىشىگە ئېھتىياجلىق بولمايدىغان ھەم ئەركىن ھەرىكەت قىلىدىغان بىر خىل زەمبىرەك.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :ئۆزى يۈرەر زەمبىرەك

خەنزۇچە نامى :自走炮

تۇنجى قېتىم ياسالغان ۋاقتى :1914-يىلى (روسىيە)

ئۆزى يۈرەر زەمبىرەك ھەققىدە 

6پارچەئۆزى يۈرەر زەمبىرەكئۆزى يۈرەر زەمبىرىكىنىڭ «ئۆزى ماڭىدىغان زەمبىرەك» ئىكەنلىكى ئىسىمىدىنلا چىقىپ تۇرىدۇ. زەمبىرەك قانداقسىگە ئۆزى ماڭالايدۇ؟

ئىلگىرى، ھەر خىل چوڭ تىپتىكى زەمبىرەكلەرنى يۆتكەشتە ئاپتوموبىلغا ياكى ئات-ئۇلاغقا سۆرىتىشكە توغرا كېلەتتى، زەمبىرەكلەر پوزىتسىيىسىگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، قايتا يۆتكەلمەيتتى. بۇ خىل جەڭ قىلىش شەكلىدە زەمبىرەكنىڭ ئېتىش يۆنىلىشىلا چەكلىنىپ قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، مۇقىم تۇرغان زەمبىرەك ئاسان ئاشكارىلىنىپ قالاتتى ھەم دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىغا تېزلا ئۇچرايتتى. بولۇپمۇ بەزى چوڭ تىپتىكى زەمبىرەك پوزىتسىيىلىرىنى ئوت ئاچمىغان چاغلاردىمۇ يۇشۇرۇش تەس ئىدى، شۇڭا ناھايىتى خەتەرلىك ھېسابلىناتتى.

زەمبىرەكنى ئېتىپ بولۇپلا پوزىتسىيىدىن تېزلىكتە يۆتكەش ئۈچۈن، قورال-ياراغ مۇتەخەسسىسلىرى «ئۆزى يۈرەر» زەمبىرەكنى لايىھىلەشكە كىرىشتى. بۇنىڭدا تۈرلۈك زەمبىرەكلەر ئاپتوموبىل تەگلىكىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان بولۇپ، زەمبىرەك ئادەتتىكى ئاپتوموبىللارغا ئوخشاش ماڭالايتتى. 1914-يىلى، روسىيە دۇنيا بويىچە تۇنجى يۈرەر زەمبىرەكنى ياساپ چىقتى، ئۇنىڭغا يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ تەگلىكى ئىشلىتىلگەنىدى. ئۆزى يۈرەر زەمبىرەك جەڭگاھتا ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەنلا ھەرىكىتىنىڭ جانلىقلىقىنى نامايان قىلىدى، شۇڭا ئىنتايىن تېز تەرەققىي قىلدى. دەسلەپكى چاغلاردا ئۆزى يۈرەر زەمبىرەكلەرگە ئادەتتە يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ تەگىلىكى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، يۈرۈش سىستېمىسى چاقلىق ئىدى، زەمبىرەكمۇ ئوچۇق تۇراتتى. ھازىرقى ئۆزى يۈرەر زەمبىرەكلەرگە تانكا ياكى برونېۋىكنىڭ تەگلىكى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، نۇرغۇنلىرى زەنجىر تاپانلىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە قوغدىنىش برونېسى بولۇپ، قارىسا، خۇددى بىر تانكا ياكى برونېۋىكقىلا ئوخشىشىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر خىل زەمبىرەكلەرنى ئۆزى يۈرەر زەمبىرەك قىلىپ ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرغىلى بولىدۇ، بۇنداق زەمبىرەكلەر جەڭگاھقا ئەڭ تېز سۈرئەتتە كىرەلەيدۇ ياكى چېكىنىپ چىقالايدۇ، بۇنىڭ بىلەن زەمبىرەكنىڭ ھۇجۇم قىلىش ۋە مۇداپىئە كۆرۈش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە يۇقىرىلايدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏