چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش كۇئالالۇمپۇر مالايسىيانىڭ پايتەختى، ئەڭ چوڭ سانائەت مەركىزى .

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

نامى :كۇئالالۇمپۇر

خەنزۇچە نامى :吉隆坡

دۆلىتى :مالايسىيا

مەمۇرىي رايون شەكلى :پايتەخت

تەۋە رايون :مالايسىيا

كىلىماتى :تروپىك بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمان كىلىماتى

باشقا نامى :دۇنيا موزىيى

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

5پارچەكۇئالالۇمپۇركۇئالالۇمپۇر مالايسىيانىڭ  پايتەختى،  ئەڭ چوڭ سانائەت مەركىزى ، شەھەرنىڭ يەر مەيدانى 243 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى بىر مىليوندىن ئاشىدۇ(1980) . ئۇلارنىڭ 2/3 قىسمىنى جۇڭگو قان سىستېمىسىدىكى مالايشىيالىقلار، جۇڭگو مۇھاجىرلىرى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ شەھەر مالايشيانىڭ غەربىدىكى كىلاڭ ۋە گامباك دەريالىرىنىڭ قوشۇلغان يېرىگە جايلاشقان. ئەتراپىنى ئېگىز-پەس تاغلىقلار قورشاپ تۇرغان بولۇپ، مەنزىرىسى ناھايىتى گۈزەل. بۇ جاي ئەسلىدە ئىسسىق بەلباغ قەدىمىي ئورمانلىقلىرى بىلەن قاپلانغان ئورمانلىق بولۇپ، ئورمانلىقلاردا ياۋايى ھايۋانلار، ئىسسىق بەلباغ ھاشاراتلىرى بەك كۆپ بولغان، 1857-يىلى جۇڭگولۇق 87 نەپە ئىشچى بۇ جايدا قەلەي رۇدىسىنى ئۇچرىتىپ، ئۇنى پالما يوپۇرمىقى بىلەن ياسالغان ئۆي ئىچىگە يوشۇرۇپ ساقلىغان. كېيىنكى ۋاقىتلاردا قەلەي رۇدىسىنىڭ كۆپلەپ قېزىلىشىغا ئەگىشىپ، بۇ جاينىڭ قۇرۇلۇشى تېز كېڭىيىشكە باشلىغان. شۇنىڭدىن تارتىپ تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ، ھازىرقى زامانىۋى شەھەرلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏